ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 150 تۈر بويىچە سودىگەر چاقىرىش پىلانىنى ئېلان قىلدى
2006.05.19
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دەي گۇڭشىڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا ئومۇمى سوممىسى 52 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان 150 ئىقتىسادى تۈرنى خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دەسمايە سېلىشىغا ئېچىۋېتىشنى قارار قىلغان.
دەي گۇڭشىڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەبلەغ سېلىش تۈرى يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق، دورىگەرلىك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، نېفىت - خىمىيە، ئېنېرگىيە تەرەققىياتى، مېنىرال زاپىسىنى ئېچىش، ساياھەتچىلىك، توقۇمىچىلىق، سودا ۋە ماشىنىسازلىق قاتارلىق ساھەلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت - خىمىيە سانائىتىگە ئالاقىدار 22 تۈرنىڭ مەبلەغ سوممىسى 23 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن.
دەي گۇڭشىڭ، خىتاينىڭ 11 - 5 يىللىق پىلانى دەۋرىدە 2010 -يىلغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى چوڭ شىركەتلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن نېفىت، تەبئىي گاز، خىمىيە سانائىتى ۋە مېنىرال ماددىلار تەرەققىياتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋەزىيەتتتىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەر، خوڭكوڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە چەتئەلدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش ۋە يەر - زېمىن سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا. لېكىن خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى رايوندا مۇھىتنىڭ ۋەيران بولۇشىنى، يەرلىكلەردىكى ئىشسىزلىقنى ۋە يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ ۋەيران بولۇشىنى تېزلەتمەكتە، دەپ ئەيىبلىنىۋاتىدۇ.
يېقىندا جۇڭگو ئىنىستىتۇتى رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، ئۇيغۇر دىھقانلىرىنىڭ نامراتلىشىش سەۋەبلىرىنى مۇھىتنىڭ ۋەيران بولۇشى، كۆچمەنلەرنىڭ خىزمەت ۋە سودا پۇررسىتىنى ئىگىلىۋېلىشى قاتارلىق ئامىللارغا باغلىغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۇمشۇق شەھىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش سۈرىتى تىزلىتىلمەكتە
- ئىلى دەريا ۋادىسىنى ئېچىشقا 12 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئاجرىتىلغان
- كانادا بىلەن خىتاي "شىنجاڭ" دا كۆمۈر گاز مېتان مەنبەلىرىنى ئېچىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
- قىرغىزىستان-خىتاي-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولىغا خىتاي شىركەتلىرى جەلىپ قىلىندى
- ھېيتگاھ چوڭ بازىرىغا پاكىستان سودا كوچىسى سېلىندى