مۇرات ناسىروپنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئالمۇتىدا كەڭ كۆلەملىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ


2007.02.11

رۇسىيىنىڭ "كم.رۇ" ئىنتېرنېت ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرسىدا قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى ۋە ناخشىچىسى مۇرات ناسىروپقا بېغىشلانغان ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مۇرات ناسىروپنىڭ قازاقىستاندىكى يېقىنلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ناخشا كېچىلىكىنى ئەسلىدە مۇرات ناسىروپ ھايات ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، لېكىن ئۇ تۇيۇقسىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇنى قانداق قىلىش مەسىلىسى تۇغۇلغان، نەتىجىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىر يەرگە باش قوشۇپ، ئىقتىساد ئاجرىتىش ئارقىلىق بۇ كونسېرتنى مۇراتنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.

رۇسىيە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالمۇتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش كونسېرتىنىڭ كۆلىمى زور بولۇپ، بۇنىنغا موسكۋادا ياشايدىغان ئاتاقلىق ناخشا چولپانلىرىدىن ئالىيونا ئاپىنا، مارىنا خلېبنىكوۋا قاتارلىق 50 مەشھۇر سەنئەتكار قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇلار مەخسۇس تۈردە مۇراتنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىش ھەم ئۇنىڭغا بېغىشلاپ ناخشا ئورۇنلاشنى قارار قىلغان.

ئىگىلىشىمىزچە، مۇرات ناسىئوپنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىنىڭ سىرى تېخىچە يېشىلمىگەن بولۇپ، موسكۋادىكى تىببىي دېلولارنى تەكشۈرۈش ئورنى مۇراتنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭدا زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ياكى ھاراق قالدۇقلىرىنىڭ يوقلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ساقچى دائىرىلىرىنىڭ " مۇرات ناسىروپ زەھەرلىك چېكىملىك تەسىرىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى" دېگەن يەكۈننى ئىنكار قىلغان.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.