خەلقئارا يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات فوندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقئارالىق نامرات ناھىيىلەرگە 55 مىليون دوللار ياردەم سوممىسى بەردى


2006.12.17

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇئەن، تېخى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن ئاساسەن قۇتۇلۇپ، يىللىق ئوتتۇرچە كىرىمى ئىككى مىڭ يۈئەندىن ئاشتى دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

ئەمما يېقىندا خەلقئارالىق يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات فوندى مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزىلىرىدىكى دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن 55مىليون دوللار ئىئانە قىلغان. بۇ مەبلەغ ئۇيغۇر ئېلىدا خەلقئارالىق نامرات سانالغان جايلاردىن 4 ئوبلاست ھەمدە 9 ناھىيە ۋە ئاپتونۇم رايون بويىچە نامرات بىر ناھىيىدىكى782 مىڭ دېھقاننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن بېرىلىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا ئەڭ نامرات يېزا كەنتلەر ئاساسەن خوتەن تەۋەسىدە بولۇپ 884 كەنت ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ ئەمما مەملىكەتلىك ياكى خەلقئارالىق نامرات يېزا كەنتلەر سۈپىتىدە كۆرسىتىلمىگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفوندا ئىنكاس قىلىشىچە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە نامرات يېزا كەنتلەرنىڭ ئەمىلى سانى ئېلان قىلىنغاندىن كۆپ بولۇپ، يەرلىك ئەمەلدارلار يۇقىرىغا ياخشى كۆرۈنۈش مەقسىتىدە يېزا كەنتلەردىكى دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى يالغان يۇقۇرى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن يوللايدىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.