نۇربەكرى ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي تەربىيىنى كۈچەيتىش ھەققىدە سۆز قىلدى
2004.10.04
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى نۇر بەكرى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سانجىدىكى تۇڭگان ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئېچىلغان خىتايچە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ، بۇ سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا سىياسى - ئىدىيە تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ھەققىدە سۆز قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇ سۆزىدە: " ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان سىياسىي تەربىيىنى بولۇپمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيىسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك" - دېگەن. نۇر بەكرى بۇ سۆزلەرنى ئەمدىلا ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلىپ،ياتاق تۇرمۇشىغا قەدەم قويغان 13 ياشلار ئەتراپىدىكى ئۆسمۈرلەرگە سۆزلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 9 - ئايدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈرۈمچى قاتارلىق سەككىز شەھەردە ئالاھىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تەسىس قىلىپ، نامرات يېزا قىشلاقلاردىن كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق مىللىي دېھقان چارۋىچىلارنىڭ بالىلىرىنى پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا تەربىيىلىمەكتە ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس خىتايچە تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تەسىس قىلىپ، مىللىي ئوقۇغۇچىلارنى پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا تەربىيىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايچە ئوقۇتۇلىدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي ئىدىيىۋﯤ تەربىيە كۈچەيتىلمەكتە