ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن بولۇپ جەمئىي 100 مىڭدەك ئوقۇغۇچى 1 - ئۆكتەبىردىن بۇرۇن پاختا تېرىش ئەمگىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، پاختا تېرىش ئەمگىكىنى مەكتەپلەر ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولۇپ، باشلانغۇچ ئۈچۈنچى يىللىقتىن يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بىردەك ئەتراپتىكى پاختا بازىلىرىدا ئەمگەك قىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىر ھەپتە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىككى ھەپتە ئەتراپتىكى پاختا بازىلىرىدا پاختا تېرىش ئەمگىكىگە قاتنىشىدۇ. ئەمما خەۋەردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قانچە ئۇزاق پاختا تېرىيدىغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.
ھازىر پاختا تېرىشنىڭ جىددىي مەزگىلى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈئەنى ۋە يەرلىكلەر جىددىي ئادەم كۈچىگە مۇھتاج. ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تارتىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، جاپالىق پاختا تېرىش ئەمگىكىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر يىتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (ئارزۇ)