ئۇيغۇر ئېلىدە پاختا مەھسۇلاتى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 45% نى ئىگىلىگەن

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاختا مەھسۇلاتى يىلدىن - يىلغا ئۆرلىمەكتە ھەمدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا سورتىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2000 ‏- يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى 20 دىن ئارتۇق ئۇرۇق بازىسىغا سالغان مەبلەغ 500 مىليون يۈئەندىن ئاشقان بولۇپ، ئالىي سورتلۇق پاختا تېرىيدىغان ئېتىزلىق 200 مىڭ مودىن ئاشقان.

مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان پاختا مەھسۇلاتى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 45% نى ئىگىلىگەن بولۇپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ 30% كە يېنى پاختىدىن كېلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىن بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا بىرلىك مەھسۇلاتى ئوتتۇرا ھېسابتا مەملىكەت ئىچىدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىش بىرلىك مەھسۇلاتىدىن 42% ئېشىپ كەتكەن ھەمدە دۇنيادىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىش بىرلىك مەھسۇلاتىدىن 1 يېرىم ھەسسىگە يېقىن يۇقىرى بولغان.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ پاختا تېرىپ بېيىپ كېتىۋاتقان خىتاي مەدىكارلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ يىل 2 مىليون خىتاي ئىشلەمچى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ پاختا تەرگەن. ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولسا ھەر يىلى پاختا تېرىش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ كېۋەزلىكلىرىگە ئەۋەتىلىپ، تۆۋەن ھەق بىلەن پاختا تېرىش ئەمگىكىگە قاتنىشىشقا مەجبۇر بولماقتا. (مېھرىبان)