شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى خىتاينىڭ تۇغۇت سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى
2005.01.03
باش شىتابى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، بالا سانىنى پىلاندىن ئاشۇرۇۋەتمىگەن ئۇيغۇرلارغا ھەر ئايدا 10 سوم مۇكاپات بەرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى سالامەتلىكنى ساقلاش پۇلى، دەپ ئاتىغان.
ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئىلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ئۈچۈن، 15 مىليون يۈئەن پۇل ئاجراتقان شۇنداقلا مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى، يېزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 3 دىن ئارتۇق پەرزەنت ئالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، دۈشەنبە كۈنى تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن مەلۇماتىدا، يۇقىرىقى تۈزۈمگە بويسۇنغانلار، "شەرەپ گۇۋاھنامىسى" بىلەن ھەر ئايدا 10 سوم ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى توي قىلغان ياشلارنى3 يىلغىچە پەرزەنت كۆرمەسلىككە قىستىماقتا شۇنداقلا بىرىنچى پەرزەنتى 3 ياشقا كىرمىگۈچە 2 - پەرزەنتىگە ھامىلدار بولۇشنى چەكلىمەكتە. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، سان – ساناقسىز ئۇيغۇر بوۋاقنىڭ قوساقتا مەجبۇرى قىردۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى 1987 - يىلى ئۇيغۇر ئىلىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان. 17 يىل مابەينىدا ئۇيغۇر ئىلى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئەڭ قاتتىق ئېلىپ بېرىلغان رايونىغا ئايلاندى. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈزگۈزمەسلىككە چاقىرغان. (ئەركىن)