ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي رايونلىرىدا يۈز بەرگەن قار ئاپتىدە نۇرغۇنلىغان ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، ھۆكۈمەت 5 - يانۋار كۈنى قار ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردىن 97 مىڭ كىشىنى باشقا رايونلارغا يۈتكەشكە مەجبۇر بولغان.
فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 6 - يانۋار كۈنى قار ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايوندىكى يۈزمىڭلىغان كىشىگە ياردەم يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى تېزلەتكەن. رايوندا دېكابىر ئىيىدىن بېرى يېغىۋاتقان قار مىقدارى بىر مىتىرغا يەتكەن بولۇپ، خىتاي ھاۋا رايي ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قار يېغىش ۋە ناچار ھاۋا يەنە داۋاملىشىدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئالتاي رايونىدا سوغاقلىق نۆلدىن تۆۋەن 43 گىرادۇسقا يەتكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە 9 مىڭ تۇياق چارۋا سوغاق سەۋەبىدىن توڭلاپ ھالاك بولغان بولۇپ، يەنە نەچچە مىلڭلىغان تۇياق چارۋانىڭ ھالاك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قار ئاپىتى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدە، رايوندىكى خەلقىنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمىگەن ئەمما، ئۈرۈمچىدىكى بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، رايوندا قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ۋە قار ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغانلارنى تۇرالغۇ جاي ۋە يېمەك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. (قانات)