خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدا يەنە ئاپەت يۈز بېرىشى مۇمكىن


2008-02-11
Share

خىتاي ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئېغىر قار ئاپىتىنىڭ زەربىسىدىن تولۇق قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن بىر پەيتتە، خىتاي ھاۋارايى ئالدىن مەلۇمات بېرىش تارماقلىرى، خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىكى بەزى رايونلارنىڭ شىۋىرغان ئاپىتىگە ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

خىتاي مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ گەنسۇ، گۇيجۇ، چىڭخەي، سىچۈەن قاتارلىق رايونلىرى ۋە تىبەتنىڭ بىر قىسىم رايونلىرى، بۇ ھەپتە ئوتتۇرىسىدا مۆلدۈر ۋە يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىلگىرىكى ئاپەت جەريانىدا، توك سىمغا يېپىشقان قار ۋە مۇزنىڭ كۆپىيىشى بىلەن نۇرغۇن توك يەتكۈزۈش سىستېمىلىرى ۋەيران بولغان بولۇپ، ھەتتا ئۈچ بوغۇز توسمىسى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بەزى 500 كىلوۋاتلىق يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش سىملىرىمۇ ئۈزۈلۈپ كەتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر توك يوللىرىنى 3000 دەك ھەربىي ۋە ئىشچىلار رېمونت قىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، نورمال توك يەتكۈزۈش ئىشلىرى 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئالدىنقى ئاينىڭ 10 - كۈنلىرىدىن بۇيان خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئېغىر قار ئاپىتى قاتناش توختاپ قېلىش، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قېلىش، نەتىجىدە بەزى زاۋۇت ‏- كارخانىلار ئىشتىن توختاپ قىلىشتەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۈتۈن خىتاي بۇيىچە 80 ئادەم ئۆلگەن 300 مىڭ ئادەم ئۆيسىز قالغان. بىۋاسىتە ئىقتىسادى زىيان 3 مىليارد يۈەنگە يەتكەن ئىدى.

بۇ خىل ئاپەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەر تەۋەسىدە قار ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادى زىيان 87 مىليون يۈەنگە، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما 300 مىڭغا يەتكەن. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت