رابىيە قادىر خانىم ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇزاكىرە يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈردى

مۇزاكىرىدە سۇدان، پەلەستىن، ئۇكرائىنا، بېرما، كونگو، ھايتى ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كرىزىسلار مۇزاكىرە قىلىندى، ئەمما ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تىلغا ئېلىنمىدى.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى 6-ئىيۇل كۈنى دۆلەتلەرنىڭ «قوغداش مەسئۇلىيىتى» (Responsibility to Protect – R2P) تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا مەزكۇر مەسئۇلىيەت پرىنسىپى بويىچە، دۇنيادا يېقىنقى دەۋرلەردە يۈز بەرگەن ۋە داۋام قىلىۋاتقان ئىرقچىلىق قىرغىنچىلىقىغا ياتىدىغان كرىزىسلار مۇزاكىرە قىلىندى. مۇزاكىرىدە سۇدان، پەلەستىن، ئۇكرائىنا، بېرما، كونگو، ھايتى ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كرىزىسلار مۇزاكىرە قىلىندى، ئەمما ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تىلغا ئېلىنمىدى.

بۇ ئەھۋالغا ئىنكاس قايتۇرغان رابىيە قادىر خانىم، يىغىندا پىكىر بايان قىلغان ۋەكىللەرنى جاسارەتسىزلىك ۋە تەرەپبازلىق بىلەن ئەيىبلىدى. ئۈچ سائەت داۋام قىلغان ۋە 40 ئەتراپىدا دۆلەت ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرى سۆز قىلغان مەزكۇر يىغىن ھەققىدە رابىيە خانىم مۇنداق دېدى:

«مەن ب د ت نىڭ قىرغىنچىلىق تېمىسىدىكى بۇ يىغىنىدا، جۈملىدىن دۆلەتلەرنىڭ <قوغداش مەسئۇلىيىتى> ھەققىدىكى مۇھاكىمىسىدە، چوقۇم ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن گەپ قىلىدىغان بىرەر ۋەكىل چىقىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلغان ئىدىم، ئەمما نەتىجىنى كۆرۈپ ئەپسۇسلاندىم.»

ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارلىقى 2022-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى خۇلاسىلىگەن ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم بۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ، ب د ت دىكى ۋەكىللەرنىڭ خىتاينىڭ تەسىرىدىن قورقۇپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئېغىز ئاچالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. رابىيە خانىم يەنە دۆلەتلەرنىڭ «قوغداش مەسئۇلىيىتى» پرىنسىپىنىڭ ھەممىگە تەڭ قوللىنىلىشى كېرەكلىكى، بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، سىياسىي تەسىرى ياكى خەلقئارا ئىشلاردىكى ئورنىغا قاراپ ئۆزگەرمەسلىكى لازىملىقى؛ ئەگەر بەزى مەھكۇم مىللەتلەر ئەسلىنىپ، بەزىلىرى ئۇنتۇلسا، ب د ت نىڭ خەلقئارادىكى ئەسلىدىنلا ئاجىز ئىناۋىتىنىڭ يوقىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە يىغىندا تىلغا ئېلىنغان باشقا ئىنسانىي كرىزىسلارنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىنكار قىلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ياشاش ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ پاسسىپلىقىدىن كۆپرەك شىكايەت قىلماقتا. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە ئادۋوكات بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ يېڭى يول ۋە ئۇسۇللىرى ھەققىدە جىددىي ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ پىكىرنى ئالدىنقى كۈنى نورۋېگىيە باش مىنىستىرى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ۋە يېنىك تەلەپپۇزدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندە ئوتتۇرىغا قويدى.