ئۈرۈمچى ساقچى ئارخىپلىرىدىكى بىر دېلودا قەيت قىلىنىشىچە، 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچىدە شاراپەت قابىلوۋ ئىسىملىك بىر ئايال ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ سوراق قىلىنغان. شاراپەت قابىلوۋ ئۆزىنىڭ ھەربىي ئائىلە ئەزاسى ئىكەنلىكى ۋە يەرلىككە تەۋە ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ، تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان. ئارخىپتا يەنە يېزىلىشىچە، شاراپەت قابىلوۋنىڭ قېرىندىشى ئادىل قابىلوۋغا «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» سەۋەبلىك ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن، يەنە بىر قېرىندىشى ئارۇپ قابىلوۋ بۇ جازاغا نارازى بولۇپ، جەمئىيەتتە شىكايەت قىلىپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن قاماققا ئېلىنغان. شاراپەت قابىلوۋ بۇ ئىككى قېرىندىشىنىڭ «جىنايەت» تارىخى بولغانلىقى ئۈچۈن قارا تىزىملىككە چۈشكەن ۋە تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولغان. ئۇ تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان چېغىدا، ئۆزىنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلىكى ۋە «شىنجاڭ» ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانىنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ بەزىلىرىنى «ساختا» دەپ ئىنكار قىلسا، بەزىلىرىگە ئىپادە بىلدۈرمەسلىك پوزىتسىيەسىنى تۇتماقتا. بىز بۇ ئارخىپتىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ھەربىي رايوندا شاراپەت قابىلوۋ دەپ بىر كىشىنىڭ بولغان-بولمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پېنسىيەگە چىققان ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى (退役军人事务厅) خادىمى پېنسىيەگە چىققان ھەربىيلەر ئارىسىدا شاراپەت قابىلوۋ ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ خىزمەت ئوبيېكتى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق، مەزكۇر ئارخىپتىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.
يەنە ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى شاراپەت قابىلوۋنىڭ يولدىشىنىڭ «شىنجاڭ» ھەربىي رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن قوماندانى قۇربان ئەرشىدىن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا خاتىرىلىنىشىچە، قۇربان ئەرشىدىن 1947-يىلى قەشقەر پەيزىۋاتتا تۇغۇلغان، 1965-يىلى ھەربىي سەپكە قوشۇلغان، شۇنىڭدىن كېيىن 40 يىلدىن ئارتۇق ھەربىي سەپتە خىزمەت قىلىپ، كېيىنكى 20 يىلدا تۇرپان ۋە قەشقەردىكى تارماق ھەربىي رايونلاردا قوماندان ۋە سىياسىي كومىسسار، «شىنجاڭ» ھەربىي رايونى ۋە «شىنجاڭ» ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىدە مۇئاۋىن قوماندان بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، خىتاي كومپارتىيەسى 15-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ تەيىنلەنگەن. بۇ ئۇچۇرلاردىن ئۇنىڭ 1980- ۋە 1990-يىللاردا ئاكتىپ ۋەزىپىلەردە بولغانلىقى، 2000-يىللاردىن كېيىن سىمۋوللۇق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەنلىكى مەلۇم. قۇربان ئەرشىدىننىڭ بۇ قەدەر كۆپ خىزمەتلىرى ئۇنىڭ ئىككى قېيىنئىنىسىنى جازادىن، ئايالىنى ئاۋارىچىلىقتىن قوغداپ قېلىشتا كارغا كەلمىگەن.
شەرقىي تۈركىستاندا 2014-يىلىدىن كېيىن يۇقىرى پەللىگە چىققان «تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت» دولقۇنىدا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پەن-مەدەنىيەت، مەمۇرىيەت، تىجارەت ۋە دىنىي ساھەلىرىگە قاراتقان ئېغىر زەربىلەر بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، بۇ زەربىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تولىمۇ ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان ھەربىي ساھەگىمۇ يېتىپ بارغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىدى.
