«شىنجاڭ» ھەربىي رايونى مۇئاۋىن قوماندانىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان
ئۈرۈمچى ساقچى ئارخىپلىرىدىكى بىر دېلودا قەيت قىلىنىشىچە، 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچىدە شاراپەت قابىلوۋ ئىسىملىك بىر ئايال ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ سوراق قىلىنغان. شاراپەت قابىلوۋ ئۆزىنىڭ ھەربىي ئائىلە ئەزاسى ئىكەنلىكى ۋە يەرلىككە تەۋە ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ، تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان. ئارخىپتا يەنە يېزىلىشىچە، شاراپەت قابىلوۋنىڭ قېرىندىشى ئادىل قابىلوۋغا «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» سەۋەبلىك ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن، يەنە بىر قېرىندىشى ئارۇپ قابىلوۋ بۇ جازاغا نارازى بولۇپ، جەمئىيەتتە شىكايەت قىلىپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن قاماققا ئېلىنغان. شاراپەت قابىلوۋ بۇ ئىككى قېرىندىشىنىڭ «جىنايەت» تارىخى بولغانلىقى ئۈچۈن قارا تىزىملىككە چۈشكەن ۋە تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولغان. ئۇ تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان چېغىدا، ئۆزىنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلىكى ۋە «شىنجاڭ» ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانىنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ بەزىلىرىنى «ساختا» دەپ ئىنكار قىلسا، بەزىلىرىگە ئىپادە بىلدۈرمەسلىك پوزىتسىيەسىنى تۇتماقتا. بىز بۇ ئارخىپتىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ھەربىي رايوندا شاراپەت قابىلوۋ دەپ بىر كىشىنىڭ بولغان-بولمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پېنسىيەگە چىققان ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى (退役军人事务厅) خادىمى پېنسىيەگە چىققان ھەربىيلەر ئارىسىدا شاراپەت قابىلوۋ ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ خىزمەت ئوبيېكتى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق، مەزكۇر ئارخىپتىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.
يەنە ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى شاراپەت قابىلوۋنىڭ يولدىشىنىڭ «شىنجاڭ» ھەربىي رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن قوماندانى قۇربان ئەرشىدىن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا خاتىرىلىنىشىچە، قۇربان ئەرشىدىن 1947-يىلى قەشقەر پەيزىۋاتتا تۇغۇلغان، 1965-يىلى ھەربىي سەپكە قوشۇلغان، شۇنىڭدىن كېيىن 40 يىلدىن ئارتۇق ھەربىي سەپتە خىزمەت قىلىپ، كېيىنكى 20 يىلدا تۇرپان ۋە قەشقەردىكى تارماق ھەربىي رايونلاردا قوماندان ۋە سىياسىي كومىسسار، «شىنجاڭ» ھەربىي رايونى ۋە «شىنجاڭ» ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىدە مۇئاۋىن قوماندان بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، خىتاي كومپارتىيەسى 15-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ تەيىنلەنگەن. بۇ ئۇچۇرلاردىن ئۇنىڭ 1980- ۋە 1990-يىللاردا ئاكتىپ ۋەزىپىلەردە بولغانلىقى، 2000-يىللاردىن كېيىن سىمۋوللۇق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەنلىكى مەلۇم. قۇربان ئەرشىدىننىڭ بۇ قەدەر كۆپ خىزمەتلىرى ئۇنىڭ ئىككى قېيىنئىنىسىنى جازادىن، ئايالىنى ئاۋارىچىلىقتىن قوغداپ قېلىشتا كارغا كەلمىگەن.
شەرقىي تۈركىستاندا 2014-يىلىدىن كېيىن يۇقىرى پەللىگە چىققان «تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت» دولقۇنىدا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پەن-مەدەنىيەت، مەمۇرىيەت، تىجارەت ۋە دىنىي ساھەلىرىگە قاراتقان ئېغىر زەربىلەر بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، بۇ زەربىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تولىمۇ ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان ھەربىي ساھەگىمۇ يېتىپ بارغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىدى.
رابىيە قادىر خانىم ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇزاكىرە يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈردى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى 6-ئىيۇل كۈنى دۆلەتلەرنىڭ «قوغداش مەسئۇلىيىتى» (Responsibility to Protect – R2P) تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا مەزكۇر مەسئۇلىيەت پرىنسىپى بويىچە، دۇنيادا يېقىنقى دەۋرلەردە يۈز بەرگەن ۋە داۋام قىلىۋاتقان ئىرقچىلىق قىرغىنچىلىقىغا ياتىدىغان كرىزىسلار مۇزاكىرە قىلىندى. مۇزاكىرىدە سۇدان، پەلەستىن، ئۇكرائىنا، بېرما، كونگو، ھايتى ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كرىزىسلار مۇزاكىرە قىلىندى، ئەمما ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تىلغا ئېلىنمىدى.
بۇ ئەھۋالغا ئىنكاس قايتۇرغان رابىيە قادىر خانىم، يىغىندا پىكىر بايان قىلغان ۋەكىللەرنى جاسارەتسىزلىك ۋە تەرەپبازلىق بىلەن ئەيىبلىدى. ئۈچ سائەت داۋام قىلغان ۋە 40 ئەتراپىدا دۆلەت ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرى سۆز قىلغان مەزكۇر يىغىن ھەققىدە رابىيە خانىم مۇنداق دېدى:
«مەن ب د ت نىڭ قىرغىنچىلىق تېمىسىدىكى بۇ يىغىنىدا، جۈملىدىن دۆلەتلەرنىڭ <قوغداش مەسئۇلىيىتى> ھەققىدىكى مۇھاكىمىسىدە، چوقۇم ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن گەپ قىلىدىغان بىرەر ۋەكىل چىقىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلغان ئىدىم، ئەمما نەتىجىنى كۆرۈپ ئەپسۇسلاندىم.»
ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارلىقى 2022-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى خۇلاسىلىگەن ئىدى.
رابىيە قادىر خانىم بۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ، ب د ت دىكى ۋەكىللەرنىڭ خىتاينىڭ تەسىرىدىن قورقۇپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئېغىز ئاچالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. رابىيە خانىم يەنە دۆلەتلەرنىڭ «قوغداش مەسئۇلىيىتى» پرىنسىپىنىڭ ھەممىگە تەڭ قوللىنىلىشى كېرەكلىكى، بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، سىياسىي تەسىرى ياكى خەلقئارا ئىشلاردىكى ئورنىغا قاراپ ئۆزگەرمەسلىكى لازىملىقى؛ ئەگەر بەزى مەھكۇم مىللەتلەر ئەسلىنىپ، بەزىلىرى ئۇنتۇلسا، ب د ت نىڭ خەلقئارادىكى ئەسلىدىنلا ئاجىز ئىناۋىتىنىڭ يوقىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە يىغىندا تىلغا ئېلىنغان باشقا ئىنسانىي كرىزىسلارنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىنكار قىلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ياشاش ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ پاسسىپلىقىدىن كۆپرەك شىكايەت قىلماقتا. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە ئادۋوكات بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ يېڭى يول ۋە ئۇسۇللىرى ھەققىدە جىددىي ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ پىكىرنى ئالدىنقى كۈنى نورۋېگىيە باش مىنىستىرى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ۋە يېنىك تەلەپپۇزدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندە ئوتتۇرىغا قويدى.
گۈلچېھرە غوجا تەيبېيدىكى بىر خەلقئارالىق يىغىندا 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇردى
رادىيومىزنىڭ سابىق مۇخبىرى، پائالىيەتچى گۈلچېھرە غوجا تەيبېيدە ئېچىلغان «خىتاينىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك تەسىرى» ھەققىدىكى خەلقئارالىق يىغىندا 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇردى.
5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بىر پاجىئە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ چوڭ بىر پاجىئەنىڭ باشلىنىشى بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن گۈلچېھرە غوجا، شۇ قىرغىنچىلىقتا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ تا ھازىرغىچە ئۇچۇرى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
6-ئىيۇل بىلەن 8-ئىيۇل ئارىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنغا خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، خىتاي زۇلمىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ۋە خىتاي ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاخباراتچىلار، پائالىيەتچىلەر، تەتقىقاتچىلار ۋە سىياسەتچىلەر قاتناشقان. يىغىندا تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدېمۇ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ كېڭىيىۋاتقان دۇنيادىن تەسىرىنى تىزگىنلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.
گۈلچېھرە سۆزىدە رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇشتا ئوينىغان رولى ۋە تۆلىگەن بەدەللىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئاخباراتنىڭ ئادالەتسىزلىكنى دەرھال بىر تەرەپ قىلالمىسىمۇ، ئۇنى ئوتتۇرىغا ئېچىپ بېرىشكە يارايدىغانلىقى، ساختا تەشۋىقاتنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە يول قويمايدىغانلىقىدەك ئالاھىدە رولىنى تەكىتلىگەن.
گۈلچېھرە تەيۋەن زىيارىتىدە يەنە «چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» ۋە تەيۋەندىكى بىرنەچچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە، «تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز» ناملىق كىتابى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
خىتاي دوختۇرلارنىڭ پاكىستاندىكى «خالىسانە» داۋالىشى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى قىزىقتۇرالمىدى
پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخفى» نىڭ باشلىقى ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ «خەير-ساخاۋەتچى دوختۇرلار ئەترىتى» پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردە پەيدا بولۇپ، خالىسانە داۋالاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئەترەت پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ئۇنىڭ قانىتى ئاستىدىكى «خىتاي مۇھاجىرلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ تەكلىپى بىلەن پاكىستانغا كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ تەشۋىقات ۋە پائالىيەتلىرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن باشقا ئۇيغۇرلارنى قىزىقتۇرالمىغان.
نەتىجىدە بۇ دوختۇرلار داغدۇغا بىلەن باشلانغان «خالىسانە» داۋالاشنى ئاز سانلىق ئاھالىلەرنىڭ كېسىلىنى كۆرۈش ۋە دورا بېرىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ «خالىسانە» داۋالاشنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قەتلىئامچى تەبىئىتىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پەدەزلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ داۋالاش مەيدانىغا پەقەت ئەھۋالنى كۆزىتىش ئۈچۈن بارغانلىقى ۋە داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن بىكار ئولتۇرغانلىقىغا شاھىد بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۆمەر ئۇيغۇرمۇ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىن ئەھۋالدا بولسىمۇ، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى، شۇڭا خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 17-يىلى: ”ئۇنۇتمايمىز، ئۇنتۇلدۇرمايمىز! "
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە نامايىش قىلىپ، ”5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى“ نىڭ 17 يىللىقىنى خاتىرىلىدى، شۇنداقلا، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان رەھىمسىزلەچە باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە دىققەت ئاغدۇرۇشقا چاقىردى.
2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى، خىتاينىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدە ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرگە قارىتىلغان رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇم ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تىنچ نامايىش قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاھالىلەرنى خىتاي دائىرىلىرى قوراللىق باستۇرۇپ، دۇنيانى زىلىزىلىگە سالغان قانلىق ۋەقە پەيدا قىلغان؛ ۋەقەدىن كېيىن، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە جازالاش نەچچە يىلغا سوزۇلغانىدى. شۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشىدىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارالغان.
ئامېرىكا، كانادا، ياۋرۇپا، تۈركىيە، ياپونىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش نامايىشىلىرى ”ئۇنۇتمايمىز، ئۇنتۇلدۇرمايمىز!“ دېگەن تېمىنى مەركەز قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىياسپوراسىنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا قارشى قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆز باياناتىدا، ”5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى“غا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئاشۇ ۋەقەدە مەجبۇرىي غايىب قىلىنغانلار، قامالغانلار ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ”5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى“نىڭ نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇرۇلمىلىق ئاساسىنى سالغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە خەلئارانىڭ خىتاي زۇلۇمىنى توختىتىشتا ئۈنۈملۈك تەدبىر ئالالمىغانلىقىنى تەنقىد قىلىدى، شۇنداقلا، شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكىسىزلەشتۈرۈش تەشەببۇسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باياناتىدا بولسا، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئادالەتنى جارى قىلدۇرۇشقا ئۈندەش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتىكى ئەڭ تەخىرسىز زۇلۇملارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشگە چاقىردى.
لوبگا راڭزېننىڭ قارشىلىق ھەركىتى ئۇيغۇر دىياسپوراسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى
2-ئىيۇل كەچقۇرۇن، نيۇ-يوركتىكى ب د ت باش ئىشتابى ئالدىدا تىبەتلىك پائالىيەتچى لوبگا راڭزېن Lobga Rangzen نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى زۇلۇملىرىغا قارشى ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەسى دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە تىبەت قارشىلىق ھەرىكىتىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تىبەت خەلقى بىلەن قىسمەتداش بولغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك ئەكىس سادا قوزغىدى.
مەتبۇئاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 52 ياشلىق لوبگا راڭزېن ئامېرىكىدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ياشاۋاتقان بىر ئۇبېرشوپۇرى ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى كۆيدۈرۈشتىن بۇرۇن تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تىبەتلىكلەرنى بىرلىشىشكە ۋە ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنغا تىبەت بايرىقى بىلەن بىرگە «خىتاي، تىبەتتىن چىقىپ كەت!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قەغەزلەرنى قالدۇرۇپ قويغان. بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» نامىدىكى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ ئەتىسى يۈز بەردى.
لوبگا راڭزېننىڭ ب د ت ئالدىدىكى ئۆزىنى قۇربان قىلىشى ئۇيغۇر دىياسپوراسىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، سىياسىي ئاكتىپلىرى ۋە تاراتقۇلىرىنى كۈچلۈك زىلزىلىگە ۋە چوڭقۇر قايغۇغا سالدى.
تۈركىيەدىكى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى بۇ ۋەقەنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا خەۋەر قىلىپ، ئۇيغۇر دىياسپوراسىغا تارقاتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ۋەقەگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇشۇنداق زۇلمەتلىك بىر پەيتتە تىبەت خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تونۇلغان پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە X سەھىپىسىدە مەخسۇس يازما ئېلان قىلىپ، ئۆز تەسىراتىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ ”بىز نېمىشقا ياش تۆكتۇق -- ئۆزىنى كۆيدۈرىۋالغان تىبەتلىك قېرىندىشىمغا“ ماۋزۇلۇق بۇ تەسىرلىك يازمىسىدا تىبەت خەلقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئورتاق زۇلۇم ئاستىدىكى تەقدىرداشلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
”ئۇيغۇر تايمىز“ گېزىتى مەخسۇس تەھرىرات ئوبزورى ئېلان قىلىپ، لوبگان راڭزېنغا تەزىيە بىلدۈردى ھەمدە بۇ قۇربانلىقنىڭ ئۆز مىللىتىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە پىداكارلىقنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىمەتنى قوغداشتىكى ھەمنەپەسلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر دىياسپوراسىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، دۇنيانىڭ خىتاي ئىچىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە تىبەتتىكى مىللىي زۇلۇملارغا بولغان سۈكۈتىنىڭ مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق قارشىلىق شەكىللىرىنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە زۇلۇمىغا بولغان قارشىلىقنىڭ شەكىللىرى ھەققىدە بەس-مۇنازىرىلەر قوزغالدى.
بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىگە قارشى دۇنياۋى كۈرەشنىڭ تېخىمۇ جىددىي ۋە كەسكىن بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىنىڭ سىگنالى دەپ قارالماقتا.
تاھىر ئىمىن ”نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى“دە ئوبزور ئېلان قىلدى: «دۇنيا ئۇيغۇرلارنى تاشلىۋەتتى»
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە ژۇرنالىست تاھىر ئىمىن دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن بىرى بولغان «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» (The New York Times) دە ”دۇنيا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويدى“ دېگەن ماۋزۇدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر كرىزىسىدىكى سۈكۈتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر سەۋەبىدىن دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جىددىي كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
تاھىر ئىمىن ئۆزىنىڭ ۋەتەندە قالغان قىزى بىلەن ئايرىلغىنىغا ئون يىل بولغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى تاقىغانلىقىنى دەۋا قىلىشىغا قارىماي، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا مەجبۇرىي ئەمگەك، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ۋە تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق زۇلۇملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئامېرىكا-خىتاي ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشلىرىدا ئۇيغۇرلار تېمىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «دۇنيا بىزنى تاشلىۋەتتى» دېگەن ئاچچىق ھەقىقەتكە يۈزلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئوبزوردا ئۇيغۇر دىياسپوراسى دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىلىش خەۋپى، ئۇيغۇر يىتەكچى مۇتەخەسىسلەرنىڭ يىتەلىك بولماسلىقى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى قوغداشتا مەبلەغ مەنبەسىنىڭ كەمچىل بولۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن سىستېمىلىق قورقۇتۇش ۋە ئاخبارات تور بەتلىرىگە تور ھۇجۇمى قىلىشى قاتارلىق نۇقتىلار ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى.
تاھىر ئىمىن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا جەمئىيەت، ھۆكۈمەتلەر ۋە خۇسۇسىي تەشكىلاتلارغا سىياسىي باياناتلار بىلەنلا چەكلەنمەي، جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقى قىلدى.
بۇ ئوبزورئۇيغۇر دىياسپوراسىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت سىياسىي كۈرەشلا ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بەلگىلەيدىغان بىر مەدەنىيەت ۋە كىملىكنى ساقلاپ قېلىش جېڭى قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنيا سىياسىي سەرخىللىرىغا يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ قويدى.
