خىتاي دوختۇرلارنىڭ پاكىستاندا «خالىسانە» داۋالىشى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى قىزىقتۇرالمىدى

يېقىندا خىتاينىڭ «خەير-ساخاۋەتچى دوختۇرلار ئەترىتى» پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردە پەيدا بولۇپ، خالىسانە داۋالاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان.

پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ باشلىقى ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ «خەير-ساخاۋەتچى دوختۇرلار ئەترىتى» پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردە پەيدا بولۇپ، خالىسانە داۋالاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئەترەت پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ئۇنىڭ قانىتى ئاستىدىكى «خىتاي مۇھاجىرلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ تەكلىپى بىلەن پاكىستانغا كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ تەشۋىقات ۋە پائالىيەتلىرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن باشقا ئۇيغۇرلارنى قىزىقتۇرالمىغان.

نەتىجىدە بۇ دوختۇرلار داغدۇغا بىلەن باشلانغان «خالىسانە» داۋالاشنى ئاز سانلىق ئاھالىلەرنىڭ كېسىلىنى كۆرۈش ۋە دورا بېرىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ «خالىسانە» داۋالاشنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قەتلىئامچى تەبىئىتىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پەدەزلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ داۋالاش مەيدانىغا پەقەت ئەھۋالنى كۆزىتىش ئۈچۈن بارغانلىقى ۋە داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن بىكار ئولتۇرغانلىقىغا شاھىد بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۆمەر ئۇيغۇرمۇ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىن ئەھۋالدا بولسىمۇ، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى، شۇڭا خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.