گۈلچېھرە خوجا تەيبېيدىكى بىر خەلقئارالىق يىغىندا 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇردى

رادىيومىزنىڭ سابىق مۇخبىرى، پائالىيەتچى گۈلچېھرە خوجا تەيبېيدە ئېچىلغان «خىتاينىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك تەسىرى» ھەققىدىكى خەلقئارالىق يىغىندا 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇردى.

رادىيومىزنىڭ سابىق مۇخبىرى، پائالىيەتچى گۈلچېھرە خوجا تەيبېيدە ئېچىلغان «خىتاينىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك تەسىرى» ھەققىدىكى خەلقئارالىق يىغىندا 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇردى.

5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بىر پاجىئە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ چوڭ بىر پاجىئەنىڭ باشلىنىشى بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن گۈلچېھرە خوجا، شۇ قىرغىنچىلىقتا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ تا ھازىرغىچە ئۇچۇرى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

6-ئىيۇل بىلەن 8-ئىيۇل ئارىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنغا خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، خىتاي زۇلمىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ۋە خىتاي ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاخباراتچىلار، پائالىيەتچىلەر، تەتقىقاتچىلار ۋە سىياسەتچىلەر قاتناشقان. يىغىندا تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدېمۇ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ كېڭىيىۋاتقان دۇنيادىن تەسىرىنى تىزگىنلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

گۈلچېھرە سۆزىدە رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇشتا ئوينىغان رولى ۋە تۆلىگەن بەدەللىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئاخباراتنىڭ ئادالەتسىزلىكنى دەرھال بىر تەرەپ قىلالمىسىمۇ، ئۇنى ئوتتۇرىغا ئېچىپ بېرىشكە يارايدىغانلىقى، ساختا تەشۋىقاتنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە يول قويمايدىغانلىقىدەك ئالاھىدە رولىنى تەكىتلىگەن.

گۈلچېھرە تەيۋەن زىيارىتىدە يەنە «چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» ۋە تەيۋەندىكى بىرنەچچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە، «تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز» ناملىق كىتابى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.