يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك يايلاقلارنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى بىلەن ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى تەكشۈرۈش خىزمەت پونكىتى بىرلىكتە، ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى پۇت يۇيۇش ۋە ھۆسىن تۈزەش مۇلازىمىتىنى قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ قار لەيلىسىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىدى.
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى بەزى پۇت يۇيۇش ۋە ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرىدا، قار لەيلىسىدە ياسالغان مايلارنى ئىشلىتىش بازار تېپىپ كەتكەن. شۇنداقلا بۇ ئورۇنلار ھەتتا ھېچقانداق قانۇنلۇق رەسمىيىتى بولمىغان ئاساستىمۇ، ئۆز ئالدىغا قار لەيلىسىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىدىكەن.
مەزكۇر ئورۇنلار چىقارغان ئۇقتۇرۇشتا يەنە، ھېچقانداق رەسمىيىتى بولمىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قار لەيلىسى تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىشىغا بولمايدىغانلىقى، قار لەيلىسىنىڭ پەقەت ئايرودروم، پويىز ئىستانسىسى، چوڭ سودا سارايلىرى ۋە دورىخانىلاردىلا سېتىلىشقا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىممەتلىك ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدىغان قار لەيلىسىنىڭ دورىگەرلىكتىكى قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداشتىمۇ مۇھىم رولغا ئىگە. ئۇنىڭ ئۈستىگە قار لەيلىسىنىڭ ئۆسۈشى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ، ئادەتتە قارلەيلىسى ئۇرۇقىنىڭ بىخ سۈرىشىدىن تارتىپ گۈلى ئېچىلغىچە 5 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن. ئەگەر ئۇنى قوغداش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلمىسا، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت بويىچە 30يىلغا قالمىغان ۋاقىت ئىچىدە قارلەيلىسى يەرشارىدىن پۈتۈنلەي يوقىلىدىكەن. (پەرىدە)