خوتەننىڭ چەرچەن ناھىيىسىدە ئېغىرلىقى تەخمىنەن 60 توننا كېلىدىغان يېشىل قاشتېشى بايقالغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان ئەڭ چوڭ خوتەن قاشتېشى ھېسابلىنىدىكەن.
تەڭرى تاغ تور بېتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قاشتېشى چەرچەن ناھىيە بازىرىدىن تەخمىنەن 300 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان ئالتۇن تاغنىڭ غەربىي گىرۋىكىدىكى تاشساي كان رايونى تاشساي دەرياسى قېتىدا بايقالغان.
چەرچەن، دۇنياغا داڭلىق خوتەن قاشتېشى چىقىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ بىرى، بۇ يەردە چىقىدىغان قاش تېشى سان ۋە سۈپەت جەھەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چەرچەندە يىلىغا 100 توننا قاش تېشى چىقىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي چەتئەللەرگە قاشتېشىدا ياسالغان بۇيۇملارنى ئېكىسپورت قىلىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ۋە قاشتېشى بۇيۇملىرى داڭلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ئىشلەپچىقارغان قاشتېشىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن قاشتېشى ئىكەن. (ئەقىدە)