يورۇڭقاش دەرياسىدىكى بۇزغۇنچىلىق داۋاملىشىۋاتىدۇ


2006.09.25

خوتەننىڭ يورۇڭقاش دەرياسى ئەتراپىدا توپلانغان 20000‏ خىتاينىڭ قاشتېشى ئىزدەش ئۈچۈن تەبىئەتكە سېلىۋاتقان زىيانكەشلىكى دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ دىققىتىنى داۋاملىق تارتماقتا.

9‏- ئاينىڭ 22‏- كۈنى ئامېرىكىدا چىقىدىغان سىياتىل ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، قاشتىشى تېپىش ئۈچۈن يورۇڭقاش دەرياسى ئەتراپىدا مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، 19‏- ئەسىردە ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيا شتاتىدا، ئالتۇن ئىزدەش ئۈچۈن توپلانغان خەزىنە ئوۋچىلىرىنىڭ تەبىئەتكە سالغان زىيانكەشلىكىگە سېلىشتۇرۇلغان.

مارك ماگنىر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قاشتېشى ئىزدەش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن يورۇڭقاش دەرياسى ئەتراپىغا كېلىپ ئورۇنلىشىۋاتقان خىتايلارنىڭ سانىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشى ۋە دەرياغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 2000 ئەتراپىدىكى چوڭ يەر قېزىش ماشىنىسىنىڭ كېچە ‏- كۈندۈز ئۈزلۈكسىز ئىشلەپ يەرنى قىزىپ، دەريانىڭ تەبئىي تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇشى ھەتتا خىتاي مۇتەخەسسسىلىرىنىمۇ چۈچۈتۈشكە باشلىغان. ئۇلار، ئەگەر بۇ بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا، بىر قانچە يىلدىن كېيىن مۇھىم بىر تەبئىي بايلىق ھېسابلانغان قاشتېشىنىڭ پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، گەرچە ھۆكۈمەت بۇ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئۆزى تارقاتقان قاشتېشى ئىزدەش رۇخسىتىنى بىكار قىلىپ، كىشىلەرنىڭ تىجارىي مەقسەت ئۈچۈن يورۇڭقاش دەرياسىدا قاشتېشى ئىزدىشىنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك ئۇيغۇرلار، خىتايلارنىڭ دەرياغا ئورۇنلاشتۇرغان يەر قېزىش ماشىنىلىرىنىڭ،سەھەردە ۋە كەچقۇرۇن پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.