خىتاي جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىقى يېڭى بىر قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىماقچى


2007.07.07

خىتاي جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنستىرى لىيۇ جېڭگاۋ، خىتاي ساقچى قىسىملىرىغا يېزا-كەنتلەردىكى ئىجتىمائىي تەرتىپسىزلىكلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، بىر ئاي داۋاملىشىدىغان بىر ھەرىكەت باشلاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

لىيۇ، پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا،" ساقچىلار بۇ بىر ئايلىق ھەرىكەت جەريانىدا، يېزا ئاھالىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،بۇ ھەرىكەتنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىگە ۋە يېزا-كەنتلەردىكى ئىجتىمائىي تەرتىپسىزلىكلەرنىڭ دائىرىسىنى ئېنىقلاش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشۈرۈشى كېرەك،" دېگەن. خىتاي جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەرىكەت جەريانىدا، ئاساسلىقى، قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچىلەر ۋە قاراقول گۇرۇپپىلار، يېزا مەھسۇلاتلىرىنى ئوغۇرلاۋاتقان كىشىلەر، ساختا مەھسۇلات ساتقانلار، كىچىك بالىلار، ئاياللارنى ئېلىپ قاچىدىغان كىشى ۋە گۇرۇپپىلار ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىك، پارتلاتقۇچ دورا ۋە قورال-ياراق ئەتكەسچىلىرى نىشان قىلىنىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلارغا بۇ ھەرىكەت جەريانىدا، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى ۋە دىنىي تەرىقەتلەرنى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.