ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە خىتاي تىلى ئۆگىتىش خىزمىتىنى ئىزچىل تۈردە كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغان بېكىتكەن رەھبىرى ۋاڭ لېچۈەن يېقىندا، ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتاي تىلى ئۈگىتىش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماستىن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ 18 ‏- ماي كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ۋاڭ لېچۈەن ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى خىتايچە ئوقۇتۇش تولۇقسىز سىنىپلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش داۋامىدا، خىتايچە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋيىسىنى ئالاھىدە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى بۇ ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى 66 ‏- ئوتتۇرا مەكتەپ، 15 ‏- ئوتتۇرا مەكتەپ، سانجى 2 ‏- ئوـتۇرا مەكتەپلىرى نوقۇل خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپلەر بولۇپ، بىراق بۇ مەكتەپلەردە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتاي مائارىپى بىلەن تەربىيەلەنمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۈركۈم - تۈركۈملەپ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىپ، خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغاندىن سىرت، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئىچىدىمۇ بۇ خىل ئوقۇتۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىش تەدبىرىنى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، خىتاي ھۆكۈمىىتنىڭ مەقسىدى، مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۇيغۇر مائارىپىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.

دىلشات رىشىت سۆزىدە يەنە": چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ، خەلقئارا قانۇنمۇ، خىتاينىڭ مىللى مائارىپى تەرەققى قىلغان بىر مىللەتنى تىلىنى چەكلەش ئارقىلىق يوقۇتۇش سىياسىتىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ. بىز چوقۇم بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن توختىماستىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىمىز " دېدى. (ئەقىدە)