" قوش تىل مائارىپى" قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە يەسلى مائارىپىغىچە كېڭەيتىلگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان "قوش تىل مائارىپى" سىياسىتى ئۇيغۇرلار ئەڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە بىر قەدەر كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەمدە يەسلى مائارىپىغىچە كېڭەيتىلگەن بولۇپ، ھازىر بۇ خىلدىكى يەسلىلەر قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ھەر بىر يېزىلاردا يولغا قويۇلۇپلا قالماي، بەلكى يەنە كەنتلەردىمۇ ئېچىلىشقا باشلىغان.

شىنجاڭ گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشچە، قەشقەر ۋىلايىتى "قوش تىل مائارىپى"نى كۆلەملەشتۈرۈشنى ئالدىن باشلاشتا سىناق قىلىنىدىغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىر قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئېچىلغان "قوش تىل" يەسلىسى 444 كە ، مەزكۇر يەسلىلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار 63 مىڭ 416 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە يېزا بالىلىرى %90 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىجىلىك "قوش تىل" سىنىپلىرى 1 مىڭ 911 گە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 72مىڭ 376 نەپەرگە يەتكەن.

دىققەتنى ئالاھىدە تارتىدىغان يەنە بىر تەرەپ بولسا، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان يەسلىلەرگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوقۇتقۇچىلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بىۋاستە كەلتۈرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، پەيزىۋات ناھىيىسىدە 2006 - يىلى يېڭىدىن قۇرۇلغان "قوش تىل" يەسىلىسىگە خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىن يۆتكەلگەن 25 نەپەر ئوقۇتقۇچى سەپلەنگەن.

"قوش تىل" مائارىپى مەسىلىسى ھازىر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئىنتايىن ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلى ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلغان ئاتالمىش "قوش تىل" مائارىپى ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللي كىملىكى مەسىلىسىگە بىۋاستە بېرىپ تاقىلىدىغان نازۇك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدىكەن.