ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل مائارىپىدا ئوقۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار سانى كۆپەيتىلمەكچى
2008.01.28
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە قوش مائارىپىنىڭ كۆلىمى كېڭەيتىلگەن بولۇپ، قوش تىل سىنىپىغا قوبۇل قىلىدىغان دېھقان- چارۋىچىلار پەرزەنتىنىڭ نىسبىتى ئاشۇرۇلغان.
شىنخۇا ئاخبارات تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جىن جۇ ھازىرغا كەلگىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل مائارىپى قوبۇل قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار سانى 150 مىڭغا، قوش تىل سىنىپلىرى 5 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل مائارىپ سالمىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇيدىغان تولۇق ۋە تولۇقسىز ئورتا سىنىپلىرىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەكلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان.
جىن جۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەنە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر- خىتاي مەكتەپلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن بىرلەشمە مەكتەپلەر 787 گە يەتكەن بولۇپ، كەلگۈسى تۆت يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوش تىللىق تەييارلىق سىنىپ نىسبىتى 85 پىرسەنتكە يەتكۈزىلىدىكەن.
ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىل مائارىپ سىياسىتى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئىنتايىن چوڭ ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، پېشقەدەم ئۇيغۇر مائارىپچىلىرى ۋە جەمئىيەتشۇناسلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ مائارىپ سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللي كىملىكىگە، مىللي مائارىپىغا ۋە كەلگۈسى مەۋجۇتلۇقىغا بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلە دەپ قاراپ ئۇنىڭغا كۈچلۈك قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئىلىدە مىيىپ بالىلارنىڭ ئاز دېگەندە 40 % ى ئوقۇشسىز قېلىۋاتىدۇ
- ۋاڭ لېچۈەن : ئۇيغۇر ئېلىدا قوش تىل مائارىپىنى قىلچە تەۋرەنمەي يولغا قويۇش كېرەك
- خىتاي ئۇيغۇر ئىلىدە مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى ئىزچىل كۈچەيتمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى"قوش تىل" مائارىپىنى يەسلىلەرگىچە كېڭەيتمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئاسپېرانتلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى ئازايدى، لېكىن يەرلىك ئىلتىماسچىلار كۆپەيدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ رايونلىرىدا خىتايچە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانىنى يىلدىن - يىلغا كۆپەيتمەكتە
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى "قوش تىل مائارىپى" قەدىمىنى ۋە "قوش تىل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئىلگىرى سۈرۈش" ئىستراتېگىيىسى
- خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ئۆسمۈرلەرگە خىتايچە ئۆگىتىش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجراتتى
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا كەنتلىرىگىچە " قوش تىللىق " مائارىپ سىياسىتىنى كېڭەيتمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەككىز شەھەردە " شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" تەسىس قىلىندى