رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيىدە زىيارەت پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
2008.02.19
ئاۋسترالىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئاۋسترالىيىگە زىيارەتكە ماڭغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى، 19 - فېۋرال كۈنى شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:50 مىنۇت ئۆتكەندە ئاۋسترالىيىنىڭ sydney شەھىرىگە يېتىپ، ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر ۋەتەنداشلارنىڭ قىزغىن ھەم ھاياجانلىق كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى.
بۇ رابىيە خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن ئازات قىلىنغاندىن كېيىنكى ئاۋسترالىيىگە قاراتقان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
سېدنىيدىكى ئۇيغۇر جامائىتى 19 - فېۋرال رابىيە خانىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، مەخسۇس زىياپەت ئويۇشتۇرغان بولۇپ، زىياپەتكە 50 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. زىياپەت جەريانىدا رابىيە خانىم مەخسۇس سۆزگە چىققان ۋە باشقا ۋەكىللەر تەڭ، بىر قىسىم يەرلىك ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغان.
بۇ قېتىم ئۇ ئاۋسترالىيە پايتەختى كامبېرا ۋە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ باش شىتابى جايلاشقان ئادېلېيد قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولۇپ ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە پائالىيىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ " ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادى " ناملىق ماقالىسى ئامېرىكا مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىندى
- ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- ئۇيغۇر مەسىلىسى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا
- رابىيە خانىم ياپونىيىنى زىيارەت قىلماقتا
- ياپونىيىدە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە كىتاب نەشىر قىلىندى