رابىيە قادىر خانىمنىڭ پراگادىكى زىيارىتى غەلىبىلىك بولدى


2007.06.06

گېرمانىيىدە ئېچىلىدىغان سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، 5- ئىيۇن كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پراگا شەھرىدە زىيارەتتە بولدى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سىياسى پائالىيەتچىلەرنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىن جەريانىدا ئۇ مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشتى.

يىغىندا پرېزىدېنت بۇش رابىيە قادىر خانىمنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تىلغا ئالدى ۋە " مەن بۈگۈن كۆرۈشمەكچى بولغان يەنە بىر ئىسيانكار بولسا، ئوغۇللىرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان، خىتايدىن كەلگەن رابىيە قادىر " دېدى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشلىرىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە خىتاينىڭ ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت بۇش يەنە: " رابىيە قادىردەك مۇشۇنداق تالانت ئىگىلىرى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ زور بايلىقى، ئۇلار ئارمىيىدىكى قورال-ياراق ۋە يەر ئاستىدىكى نېفىتلاردىنمۇ بەكرەك قەدىرلىك" دېدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋاشىنگتون ئىشخانىسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ت. كۇمار، پرېزىدېنت بۇشنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنىڭ ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە خىتاي رەھبەرلىكىگە نىسبەتەن "كۈچلۈك سىگنال" بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە "رابىيە خانىم پەرزەنتلىرىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى، خىتاينىڭ سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئاغزىنى ئېتىش ئۈچۈن، سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ گۇناھسىز ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى گۆرۈگە ئالىدىغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى" دېدى.

رابىيە قادىر خانىم چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 6- ئىيۇن چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.