يەنە ئۈچ نەپەر خىتاي مۇئاۋىن رەئىسلىككە تەيىنلەندى
2005.01.18
ئۇيغۇر ئېلىدە يەتتە كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى سەيشەنبە كۈنى ئاياقلىشىپ، تۆت كىشى ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ ئۈچى خىتاي، بىرى ئۇيغۇردۇر. ئۇلار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ سابىق باش قوماندانى جاڭ چىڭلى، سانجى ئوبلاستلىق پارتكومىنىڭ سابىق سېكرىتارى چيەن جى، تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ سابىق سېكرىتارى سۇڭ ئەيرۇڭ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى جاپپار ھەبىبۇل ئىكەن.
يېقىندا ئىككى نەپەر خىتاي مۇئاۋىن رەئىس ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئىككىسىنىڭ ئورنىغا يەنە ئۈچ نەپەر خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى سەپلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ سانى كۆپەيتىلگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى تولۇقلانغان خىتاي مۇئاۋىن رەئىسلەرنىڭ ئىككىسى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ يۇرتدىشى ئىكەن.
چەتئەلدىكى بىر قىسىم خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلىرىنىڭ يۇقىرى ھوقۇقلىرىغا كۆپ ھاللاردا ئۆز يۇرتى شەندوڭ ئۆلكىسىدىن كېلىپ چىققان خىتايلارنى ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىگەن بولۇپ، بۇ بىر قىسىم خىتايلارنىڭ ئىچىدىمۇ نارازىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (ئارزۇ)