ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى شيا يىشەن يېقىندا قورغاس چېگرىسىدا "خىتاي-قازاقىستان خەلقارا چېگرا شەھەرچىسى" قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي- قازاقىستان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا، ئىككى دۆلەت چېگرىسىدا سودا مۇناسىۋەتنى ئاساس قىلغان ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇش پىلانىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، خەلقارا شەھەرچە قۇرۇشقا ئايلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەربايېف ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن " قورغاس خەلقئارا ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇش رامكىسى كېلىشىمى" نى ئىمزالىغان . ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى يەنە بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە ئىدى.
شيا يىشەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، خەلقئارا ھەمكارلىق مەركىزىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، خەلقارا چېگرا شەھەرچىسىگە ئايلاندۇرۇشنى تەكىتلىگەن.
بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئۆتكەن يىلقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئورتاق سودا رايونى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن. بۇ سەۋەبتىن خىتاي دائىرىلىرى ئاۋال قازاقىستان بىلەن ئورتاق سودا رايونى قۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنىۋاتقان ئىكەن. (ئارزۇ)