خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتاشتۇرۇلغان دۆلەت يوللىرى ئۇزارتىلدى

خىتاينىڭ ليەنيۈنگاڭدىن باشلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتىشىدىغان 312 -دۆلەت يولىنىڭ قورغاسقىچە ئۇزارتىلىپ سېلىنغان بۆلىكىدە يەكشەنبە كۈنى رەسمىي قاتناش ماڭدى. بۇنىڭ بىلەن بىر كۈندە يەنە، 314 -دۆلەت يولىنىڭمۇ خۇشۇتتىن كورلىغىچە بولغان بۆلىكىگە سېلىنغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى پۈتكەن.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ليەنيۈنگاڭدىن ئۇيغۇر ئېلىگىچە بارىدىغان 312 -دۆلەت يولىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۈيتۈن شەھىرىدىن سايرام كۆلىگىچە بولغان قىسمى 302 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش 2002 يىلى 7 -ئايدا باشلانغان. شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۇنيا بانكىسىنىڭ مەبلىغى بىلەن سېلىنغان 3 - يۇقىرى دەرىجىلىك تاش يول ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يول ئارقىلىق ماڭغاندا، ئۈرۈمچىدىن سايرام كۆلىگىچە بولغان 570 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى پەقەت 7 سائەتتىلا تاماملىغىلى بولىدىكەن. خۇشۇتتىن كورلىغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولنىڭ قۇرۇلىشىمۇ 2002 - يىلى باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭغا تەخمىنەن 2 يېرىم مىليارد يۈئەن مەبلەغ سېلىنغان. (پەرىدە)