ئۇيغۇر ئېلىدە، تۇنجى ئېلېكترونلۇق تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى قۇرۇلۇش باشلىدى
2004.11.23
22 - نويابىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، غۇلجا، جىڭ، ئىلى ۋە قورغاس تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى، سەپەرۋەرلىك يىغىنى غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
شىنجاڭ خەۋەرلەر تور بېتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نەچچە مىڭلىغان ھەر مىللەت خەلقى شۇنىڭدەك مەزكۇر قۇرۇلۇشقا مەسئۇل خادىملار، تېخنىكلار ۋە ئىشچىلار بۇ قېتىمقى تۆمۈر يول قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشقان.
خىتاي دۆلەتلىك تۆمۈر يول مىنىستىرلىكى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون رەھبەرلىرىمۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان.
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى جىڭ، ئىلى ۋە قورغاس تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرمىگەن بولۇپ، گەرچە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە قاتناش ساھەسى تەرەققى قىلدۇرۇلىۋاتقان بولسىمۇ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەرەققىياتلار ئۇيغۇر خەلقىگە ھېچقانداق مەنپەئەت يەتكۈزمەيدىكەن. (ئەقىدە)