قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتىشىدىغان تۆمۈر يولى ياسىماقچى


2006.03.20

قىرغىزىستان دائىرىلىرى قىرغىزىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تۆمۈر يولنى تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن، قىرغىزىستاندىن ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتاشتۇرۇپ 260 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تۆمۈر يولى سېلىشنى پىلانلىماقتا.

قىرغىزىستان باش مىنىستىرى فلىكس قۇلۇف دۈشەنبە كۈنى خىزمەت يىغىنىدا، قىرغىزىستاننىڭ خىتاي بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تۆمۈر يولنى تۇتاشتۇرۇش سۆھبىتىنى خېلى بۇرۇنلا باشلاپ بولغانلىقىنى، نۆۋەتتە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىسى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ قۇرۇلۇشنى باشلاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قۇلۇفنىڭ كۆرسىتىشىچە، 260 كىلومېتىرلىق بۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەخمىنەن 1 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پۇل كېتىدىكەن ھەمدە ئۇنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن 6 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىدىكەن. لېكىن خىتاي بىلەن قىرغىزىستان بۇ تۆمۈر يولىنى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىن ئۆزبېكىستانغا تۇتاشتۇرۇش ياكى شىمالىدىن قازاقىستانغا تۇتاشتۇرۇش مەسىلىسىدە تېخى بىرلىككە كېلىپ بولالمىغان.

قىرغىزىستان تەرەپ بۇ تۆمۈر يولى قۇرۇلىشى ئۈچۈن دۇنيا بانكىسىدىن مەبلەغ ئېلىشقا ھەمدە بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ بۇنىڭغا مەبلەغ سېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا. خىتاي بىلەن قىرغىزىستاننىڭ مۇتەخەسسىلەر گۇرۇپپىسى بۇ يىل 2‏- ئايدا بېشكېكتە ئۇچرۇشۇپ، مەزكۇر تۆمۈر يول قۇرۇلىشىنىڭ كونكېرت تەپسىلاتى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.