خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە بىر ئاي ئىچىدە مىڭغا يېقىن كىشىنى قولغا ئالدى


2005.06.10

ئۈرۈمچىدىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ يىل 5 - ئاي ئىچىدە ئۈرۈمچى بويىچە 955 كىشىنىڭ ھەر خىل جىنايى قىلمىشلار بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدىكى 27 دىلو زەھەرلىك چېكىملىك سېتىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش ۋە ئالدامچىلىق جىنايەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتكەن، ئەمما قالغان دىلولارنىڭ خاراكتىرىنى تىلغا ئالمىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ ئۇچۇرنى ئالدىنقى كۈنكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 5 - ئاي ئىچىدىكى دىلو پاش قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش بويىچە چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاشكارىلىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپتونوم رايون بويىچە "قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" قوزغايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ نىشانى ئاتالمىش مىللىي بۆلگۈنچىلەر، تېررورچىلار ۋە دىنىي رادىكار كۈچلەرگە قارىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى "قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" نى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشنىڭ بىر تۈرى، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

ئۈرۈمچى ج خ دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ئورگان 5 - ئايدا ئاتالمىش 3161 جىنايى ئىشلار دىلوسى تۇرغۇزغان بولۇپ، 5 - ئايدىكى دىلو پاش قىلىش سانى 4 - ئايغا قارىغاندا 35 ٪ ئاشقان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ج خ دائىرىلىرىنى مەھبۇسلارغا تەن جازا بېرىپ، مەجبۇرى ئىقرار قىلدۇرۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.