خىتاي ئۇچتۇرپاندا 10 نەپەر ئۇيغۇرنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالدى


2005.08.24

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە 10 نەپەر ئۇيغۇرنى، مۇستەقىللىق ۋە بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلغان ھەمدە دىنىي تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارغان دەپ ئەيىبلەپ، قولغا ئالدى.

گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغان ئېلىنغان بۇ ئۇيغۇرلار ئۇچتۇرپاننىڭ ئاقيار يېزىسىدىن بولۇپ، ساقچىلار بۇلار ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئۇشتۇمتۇت باستۇرۇپ كىرگەن.

نەتىجىدە، ئاقيار يېزىسىنىڭ 15 - كەنتىدىكى دېھقان جۈمەك ئەخەت، ئىمامنىياز غوجەك ۋە ئابدۇل راخمانلارنىڭ ئۆيىدىن، مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى تەشۋىق قىلىنغان ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىن 30 ى، شۇنداقلا يەنە، 30 غا يېقىن مۇستەقىللىق ۋە ئىسلام دىنىغا ئائىت كىتاپ بايقالغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نەزىرىدە بۇ خىلدىكى لېنتا ۋە كىتاپلارنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز بويۇملار دەپ قارىلىدۇ.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ساقچى خادىمى، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بۇ كىشىلەرنىڭ قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا قاتناشقانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ دۆلەتنى پارچلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەردە يەنە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا بۇ يىل ئۆكتەبىردە يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىماقچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇشۇنداق تۇتقۇن پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، تىنچ يولدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بۇ ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.