"يەرشارى ۋاقىت گېزىتى" ئۈرۈمچىدىكى توقۇنۇشتا 2 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، 15 ئادەم قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى

خىتايدا چىقىدىغان "يەرشارى ۋاقىت گېزىتى" (环球时报) دە خەۋەر قىلىنىشچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ساقچىلىرى يانۋارنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە شەرقى تۈركىستانچىلار بىلەن توقۇنۇشقان بولۇپ، توقۇنۇشتا 2 ئادەمنى ئېتىپ 15 ئادەمنى قولغا ئالغان.

بىر ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ دۇنيا ۋاقىت گېزىتىگە ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ھەرىكەت ئەسلىدە 27- يانۋار كەچتە ئۈرۈمچى شەھىرى "بەخىت ئائىلىلەر ئولتۇراق رايونىدا مەخپىي ۋە تىز سۈرەتتە" ئېلىپ بېرىلغان.

مەزكۇر ھۆكۈمەت خادىمى توقۇنۇش ھەققىدە توختىلىپ: " تېررورچىلار قولغا ئېلىشقا قارشىلىق كۆرسەتكەچكە ساقچى تەرەپتىنمۇ خادىملار يارىلانغان بولسىمۇ، ئادەم ئۆلمىدى" دېگەن.

گەرچە بۇ ۋەقەنىڭ ئۈرۈمچىدىكى "بەخىت ئائىلىلەر ئولتۇراق رايونى" دا يۈز بەرگەنلىكى راست بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى تېخى نۇرغۇن كىشىلەرگە قاراڭغۇ بولۇپ، خوڭكوڭ ۋە خىتايدا چىقىدىغان ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ بۇ ۋەقە ھەققىدە ئوخشىمىغان خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "يۇلتۇز ئارىلى" (星岛) گېزىتىدە 14- فېۋرال بېرىلگەن خەۋەردە، مەزكۇر ۋەقەنىڭ 5- فېۋرال يۈز بەرگەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ 18 نەپەر شەرقى تۈركىستانچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، نۇرغۇن ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى ھەمدە خىتاي ساقچى تەرەپتىنمۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. (جۈمە)