ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى توشۇغۇچىلار ئاز كەم 23 مىڭغا يەتكەن

مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ جۈمە كۈنى ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىلنىڭ مارت ئېيىغا قەدەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 22756 غا يەتكەن شۇنداقلا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تارقىلىش نىسبىتى خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكە - ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە 4 ‏ - ئورۇننى ئىگىلىگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.05.30

 بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئىلى ئەيدىز ۋىرۇسى توشۇغۇچىلارنىڭ سانى جەھەتتە 4‏ - ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن نوپۇسنىڭ ئاز - كۆپلۈكى بىلەن نىسبەتلەشتۈرگەندە ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1 ‏ - ئورۇننى ئىگىلەش ئېھتىمالى زور، دەپ قارىماقتا.

 22756 نەپەر دېيىلگىنى خىتاي رەسمىي ئورگانلىرىنىڭ ستاتىستىكىسى بولۇپ، " تەڭرىتاغ" تورى جۈمە كۈنكى بىر خەۋىرىدە بۇ مەلۇماتنىڭ 29 ‏ - ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن "ئاۋسترالىيە - شىنجاڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش تۈرى"نىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەردە يەنە ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت ۋە 91 ناھىيىنىڭ ھەممىسىدە بايقالغانلىقىنى، ئەيدىز ۋىرۇسى توشۇغۇچىلارنىڭ60 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ياشلارنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ۋە ۋىرۇسنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يېقىندا ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەيدىز تەتقىقاتچىسى مەزگېر ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇرلاردا يىلىغا %9 كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئاقتاماكا چەككۈچىلەرنىڭ %30 دىن كۆپرەكى ئەيدىز ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ دۇنياۋى رېكورت ياراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناس جاستىن رودېلسون، بۇنىڭدىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالغا بېرىپ قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئۇ، 2000 ‏ - يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەندە، " ئەيدىز كەلگۈسى يىللاردا ئۇيغۇرلارغا كېلىدىغان سىياسىي زىيەنكەشلىكتىنمۇ خەتەرلىك نەرسە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن " دەپ تەكىتلىگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.