ۋۇ شىمىن، " خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەككىگە بېرىپ ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى ياقتۇرمايدۇ؟" دەپ سورىغان مۇخبىرغا جاۋاب بېرىپ، " مەن شۇنى ئېيتىمەنكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجىگە بېرىشىنى چەكلىمىدى، ھۆكۈمىتىمىز، ھەر قايسى مىللەتلەرگە ئېتىقاد ئەركىنلىك سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج قىلىش ئەركىنلىكى ھەققىدىمۇ مەخسۇس قانۇنلار بار، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، پۈتۈن خىتايدىن ھەر يىلى نەچچە مىڭلاپ مۇسۇلمان ھاجى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ،" دېگەن.
ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە،خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىشىنى تۈرلۈك تەدبىرلەر بىلەن توسۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىش، ئۈرۈمچى ۋە باشقا ئايرۇدۇرۇملاردا ھەج قىلغۇچىلارنى توسۇش ھەرىكەتلىرى داۋام قىلماقتا، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا، يەرلىك دائىرىلەر ھەتتا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ھەمدە خىزمەتچىلەرنىڭ روزا تۇتۇشى قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقى ئەگەر خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇشلارنى چۈشۈرگەن.
بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بايانات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەمدە دىنىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا باستۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەندىن سىرت، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش، ئۇلارنىڭ ئەقەللىي دىنىي ئېتىقادى ھەم ئىنسانى ھەق - ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش توغرۇلۇق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.