خىتاي غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا يولىدىن يەنە بىرنى قۇرۇشى مۇمكىن
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.09.12
2008.09.12
ئەگەر بۇ قۇرۇلۇش راست يولغا قويۇلسا بۇ ئۇيغۇر ئىلىدىن شەرقتىكى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان 3 - تەبئىي گاز تۇرۇبا يولى بولۇپ قالىدۇ.
خىتاينىڭ "جۇڭگو" گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئىلىدىن باشلىنىدىغان يېڭى تۇرۇبا يولىنىڭ شەرقتىكى فۇجيەنگە قەدەر تۇتاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى پىلانلاش باشقارمىسىنىڭ ئەمەلدارى ياڭ جيەنلوڭنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇش پىلانى كېلەر يىلنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە مەزكۇر گاز تۇرۇبا يولىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 2008 - يىلى 2 - ئايدا باشلانغان 2 - لىنىيىلىك تەبئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا يولىنىڭ 2 - لىنىيىسىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 9 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. 20 مىليارد 800 مىڭ دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغان 2 - لىنىيىلىك قۇرۇلۇشنىڭ 2011 - يىلى پۈتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا ئىدى.
مەزكۇر تۇرۇبا يولى يىلىغا 30 مىليارد كۇپمېتىر گاز يەتكۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ لايىھىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن يېقىندا تۈركمەنىستان خىتايغا گاز ساتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن مەزكۇر تۇرۇبا يولىنىڭ يىللىق گاز يوللاش ئىقتىدارى 40 مىليارد كۇپمېتىرغا چىقىرىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.