ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئوفىتسېر تەربىيىلەش پىلانىدا ئۇيغۇر تىلى مۇ بار


2007.05.09

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 5 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنى، ئوفىتسېر تەربىيىلەيدىغان تىل ۋە مەدەنىيەت تۈرلىرى ئۈچۈن ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى، سېندئاگو ئۇنىۋېرسىتېتى، مىسسىسپى ئۇنىۋېرسىتېتى، تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرى بۇيرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بەش بۇرجەك بىنادا چىقىدىغان دۆلەت مۇداپىئە خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ پىلان بۇيىچە مەبلەغ بۇيرۇپ بېرىلگەن ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلىدىغان مەدەنىيەت ۋە تىل دەرسلىكى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىمۇ بار.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىدا ھازىر ئوفىتسېر تەربىيىلەش پىلانى، دۆلەت بىخەتەرلىك تەربىيىسى پىلانى دېگەن پىلانلار بۇيىچە، كەلگۈسىدە يېتىشىپ چىقىدىغان ئوفىتسېرلار ئۈچۈن ئالىي مائارىپ تەربىيىىسى كۈچەيتىلمەكتە ۋە بۇ پىلانغا كىرگۈزۈلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەر يارىتىپ بېرىلمەكتە. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.