ئۇيغۇر رايونىدا سەنلۇ سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلەنگەن بالىلاردىن 86 سى بايقالغان

زەھەرلىك سۈت پاراشوك ۋەقەسى بىر ھەپتىدىن بېرى خىتاي جەمئىيىتىنى ئالاقزادە قىلماقتا. بۈگۈن خىتاي ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى سۈت پاراشوك زاۋۇتلىرىنىڭ %20 ى زەھەر تەركىپلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان ۋە بازارغا سالغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008-09-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

 بۈگۈنكى زەھەرلىك سۇت پاراشوك ھەققىدىكى خەۋەرلەردە، ئۇيغۇر رايونىدىمۇ سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشۇكتىن زەھەرلەنگەن 86 بالا بايقالغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەپىرى ئۆلگەن. بۇ ئۇچۇر، سەھىيە نازارىتىنىڭ بۈگۈن يەنى 18 ‏ - سېنتەبىر كۈنى كەچ سائەت بەشكە قەدەر بولغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولۇپ، تەكشۈرۈش داۋام قىلماقتا. ھازىرغا قەدەر بايقالغان زەھەرلەنگۈچىلەرنىڭ بۆرىكىدە تاش پەيدا بولغانلىقى ئېنىقلانغان.

ئالاقىدار كەسپىي تارماقلارنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى، سۈت پاراشوكىنىڭ ئاقسىل تەركىۋىنى يۇقىرى كۆرسىتىش مەقسىتىدە نامۇۋاپىق ھالدا مەھسۇلاتلىرىغا مېلامىن ناملىق خىمىيىۋىي ماددىنى ئىشلەتكەن. ئەسلىدە مېلامىن خىمىيىۋىي ئوغۇت ۋە پلاستىك ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىرىشتا قوللىنىلىدىغان ماددا ئىكەن.

نۆۋەتتە، ئانسىكلوپىدىلەر، خىتاي سۈت پاراشوك فابرىكىلىرىنىڭ مېلامىن ئىشلەتكەنلىكىنى يالغان ئاقسىل پەيدا قىلىش ۋەقەسى دەپ خاتىرىلىمەكتە.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت