ۋاڭ لېچۈەن "شىنجاڭ"نىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقىغا يەنە 20 - 30 يىل ۋاقىت قالغانلىقىنى بىلدۈردى

بېيجىڭدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىدىكى مائارىپ مەسىلىسىگە دائىر مەزمۇنلارنى مۇزاكىرە قىلغاندا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن يەنە 20 - 30 يىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن" قوش تىللىق مائارىپ" نى زور كۆلەمدە يولغا قويۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى 1 ‏ - قېتىم "قوش تىللىق مائارىپ" بىلەن مۇناسىۋەتلەندۈرۈشىدۇر.

يىغىندا "ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك "دەپ تەكىتلىگەن ۋاڭ لېچۈەن، "يەر شارىلىشىشنىڭ تەدرىجى شەكىللىنىش باسقۇچىدا ئاز سانلىقلارنىڭ خەنزۇ تىلى، ھەتتا چەتئەل تىلى ئۆگىنىشى بارغانسېرى مۇھىم بولۇپ قېلىۋاتىدۇ" دېدى. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇرى بەكرى بولسا ئاز سانلىقلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشىنى دۇنياغا يۈزلىنىشنىڭ ئاچقۇچى، دەپ تەسۋىرلىدى.

"شىنجاڭدىكى ئاز سانلىقلار پۇتۇڭخۇانى ئىگىللىمىسە مەملىكەت ۋە دۇنياغا يۈزلىنەلمەيدۇ" دەپ تەكىتلىگەن نۇر بەكرى، كەلگۈسى 3 يىلدىن 5 يىلغا قەدەر ۋاقىت ئىچىدە يەسلى مائارىپىنىڭ " قوش تىللىشىش" نىسبىتىنى %85 كە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى "قوش تىللىق مائارىپ"قا 3 مىليارد 7 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدىكەن.

لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ سىياسىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا ۋە ئۇلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قېتىملىق ئىسپات بېرىش يىغىنىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر سىياسىتىنى " ئىرقىي ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش قورالى" دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. يېقىندا نۇر بەكرى بېيجىڭدا شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى" قوش تىللىق مائارىپ"قا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)