ۋاڭ لېچۈەن يېڭى يىللىق چاي زىياپىتىدە مۇقىملىقنى تەكىتلىدى


2007.12.30

29 - دېكابىر كۈنى كەچتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش چاي زىياپىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومپارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى، ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى، سودا-سانائەتچىلەر ۋە ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان.

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن مەخسۇس تەبرىك سۆزى سۆزلەپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ھەر ساھەدىكى خىزمەتلىرى ۋە ئۇتۇقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەر ساھەدىن، بولۇپمۇ ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ھەم ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى ئارمىيىسىدىن ئالاھىدە ھال سورايدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا سالام يوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزىدە يەنە مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىق مەسىلىسى ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە " بىز مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئائىت چىقارغان بىر قاتار زور سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز لازىم. بايرىقىمىز روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئامانلىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىشىمىز كېرەك" دەپ تەكىتلىگەن.

بۇ يىغىنغا 28 - دېكابىر كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىۋېتىلگەن ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭمۇ قاتناشقانلىقى مەلۇم. بىراق، ئۇنىڭ ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا ھېچقانداق رەھبىرىي سالاھىيىتى يوق بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنى قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدا ئۇيغۇر مائارىپى ۋە تىلىنى يوقىتىشنىڭ ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنىڭ بايراقدارى دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان 46 ياشلىق نۇر بەكرى ئىگىلىگەن ئىدى. ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشماي تۇرۇپ، تۇيۇقسىز ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىۋېتىلىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.