ۋاڭ لېچۈەن رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە ئىدېئولوگىيىلىك جەڭ ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن بۈگۈن 5 ‏ - نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە ئىدېئولوگىيىلىك جەڭ ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008.09.17

 ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە ئۆچ خىل كۈچلەرگە قارشى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە ئىدېئولوگىيە سېپىدىكى كۈرەشنىمۇ يەنە بىر بالداق كۇچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رايوندىكى تەرەپلەر ئارىسىدا ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىدىيىۋىي توقۇنۇشنى ئىس - تۈتەكسىز جەڭ دەپ ئاتىغان ۋاڭ لېچۈەن، ھەر مىللەت كادىر ئاممىسىنى، ئۇچ خىل كۈچلەرنى پاش قىلىشقا ۋە ئۇلارغا ئىدېئولوگىيە سېپىدە قەتئىي قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. سۆزىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ، چەتئەلدىكى شەرقى تۈركىستانچىلارنىڭ قۇتراتقۇلۇقىغا ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا يول قويماسلىقنى تەكىتلىگەن.

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىزغا بۇ ھەقتە بايانات بەردى. ئۇ باياناتىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنى قانۇنسىز بىر ھاكىمىيەت، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسى بىلەن تىكلەنگەن ئەمەس دەپ ئەيىبلىدى ۋە بۇ سەۋەبتىن، ۋاڭ لېچۈەن قانات يايدۇرغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىدىيىۋىي كۈرەشنىڭ ئاخىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دىلشات رىشىت ۋاڭ لېچۈەننىڭ رابىيە خانىم ھەققىدىكى سۆزلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقىمىز ئىچىدىكى ئىناۋىتى ۋە تەسىر كۈچىنى ئېتىراپ قىلغانلىقتۇر دەپ بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.