ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن بىر قاتناش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 20 ئادەم ئۆلدى


2006.11.27

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چىڭخەي بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئالتۇن تاغ رايونىدا 23 - نويابىر كۈنى يۈز بەرگەن بىر قاتناش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 20 ئادەم ئۆلدى، 3 ئادەم يارىلاندى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ چىڭخەيلىك دېھقانلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

جەسەتلەرنىڭ ئالتۇن تاغ چېگرىسىدىكى چىڭخەيگە تەۋە بىر يېزىنىڭ مەسچىتىگە قويۇپ قويۇلغانلىقىغا قارىغاندا ئۆلگەن كىشىلەر چىڭخەيلىك تۇڭگانلار بولۇشى مۇمكىن.

چاقىلىق ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ چىمەنتاغ شۆبىسىدىكى دائىرىلەر، ۋەقە 24 - نويابىر كۈنى تاڭ سەھەردە چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ يېتىمبۇلاق يېزىسىغا 300 كىلومېتىر كېلىدىغان چىمەنتاغدىكى بىر جىلغىدا ماشىنا ئۆرۈلۈپ كېتىپ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. قازاغا ئۇچرىغانلار گېرمۇلۇق پۇقرالار بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە چىمەنتاغدىن گېرمۇغا قايتىۋاتقان ئىكەن.

چىمەنتاغ رايونى خىتاينىڭ دۆلەت دەرىجىلىك تەبئىي قوغداش رايونى، دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر چارۋىچىلار چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ باشقا جايلىرىغا يۆتكىۋېتىلگەن. لېكىن بۇ رايون چىڭخەيلىك ئالتۇن قازغۇچىلار ۋە ياۋايى ھايۋان ئوۋلىغۇچىلارنىڭ ماكانى بولۇپ قالغان ئىدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى قازاغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ چىمەنتاغ رايونىدا نىمە ئىش قىلىپ قايتقانلىقىنى يازمىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.