ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي يېزا ئىگىلىك بىڭتۈەنى تەۋەسىدىكى بىر يەر ئاستى چېركاۋىغا ساقچىلار باستۇرۇپ كىرىپ، چېركاۋ ئەزالىرىنى قولغا ئالغان. بەزى چېركاۋ ئەزالىرى سوراق جەريانىدا قېيىن - قىستاققا ئېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 1- ئىيۇن كۈنى، 10 نەپەر خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى گاۋ فامىلىلىك بىر خرىستىئان مۇرىتىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، گاۋ ئەپەندىنى ۋە باشقا 6 نەپەر چېركاۋ ئەزاسىنى قولغا ئالغان ھەمدە 12 سائەت تۇتۇپ تۇرۇپ قويۇۋەتكەن.
باش شتابى تېكساس شتاتىغا جايلاشقان خىتايدىكى خرىستىئانلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتكۈچى دىنى تەشكىلات: خىتايغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ 6- ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان چېركاۋ ئەزالىرىدىن بىرسى سوراق جەريانىدا تەن جازاسىغا ئۇچرىغان. خىتاي ساقچىلىرى، ئاختۇرۇش بۇيرۇقى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، گاۋ ئەپەندىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغان ۋە ئىنجىل، كالېندار، دوسكا قاتارلىق بۇيۇملارنى "قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللار" سۈپىتىدە مۇسادىرە قىلغان. ساقچى دائىرىلىرى بۇ خرىستىئان مۇرىتلىرىنى " مەسئۇلىيەت كاپالەتنامىسى" گە مەجبۇرىي قول قويدۇرۇۋالغان.
مەزكۇر يەر ئاستى چېركاۋى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 3- دېۋىزىيىسى 49- پولكى تەۋەسىدە ئىكەن.
خىتايغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى ۋە بىڭتۈەن 3- دېۋىزىيىسى 49 - پولكىنى تارىخ دولقۇنىغا ئەگىشىپ، مەجبۇرىي قول قويدۇرۇۋالغان كاپالەتناملارنى بىكار قىلىشقا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خرىستىئانلارغا دىنى ئەركىنلىك بېرىشكە قىستىدى. (جۈمە)