ئالىملار يىپەك يولى مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا

كۈزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىپەك يولى مەدەنيىتىنى قوغداش تۈرى بويىچە ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمىتىگە گۇمان بىلەن قاراشماقتا.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ، يىپەك يولى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش تۈرى قۇرۇلۇشى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق رايونلاردا باشلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا غۇل - غۇلا قىلىنىشىغا يول ئاچتى.

بولۇپمۇ قىزىل مىڭ ئۆيلىرىنىڭ مۈتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇر ، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئىلىدە ئارخىئولوگىيە تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان مۈتەخەسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تارىخچىلىرى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت يادىكارلىقلارنىڭ مەنبەلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇر تارىخىنى يوق قىلىشتەك يامان نىيەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئۇيغۇر ئارخىئولوگ ئالىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان " قىزىل مىڭ ئۆي" تەتقىقاتىدا ، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتاي رەسساملىرى، رەسىملەرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قەغەزگە كۆچۈرۋىلىش باھانىسىدا ۋە تام سۈرەتلىرىنى رىمونت قىلىش جەريانىدا، رەسىمنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە خاس چىراي شەكىللىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، خىتايلارغا تەۋە ئالامەتلەرگە ئايلاندۇرىۋەتكەن.

شۇڭا مۈتەخەسسىسلەر، بۇ قېتىم ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش قۇرۇلۇشنىڭ" قوغداش" ئەمەس بەلكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى " بۇرمىلاش" ھەتتا " يوقىتىش " ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)