خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپەت رايونى ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە


2004.09.21

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - سېنتەبىر كۈنى، قەشقەر كونا شەھەر، ئاۋات يېزىسىدىكى دېھقان ئەزىز باراتنىڭ ئىككى ئاي ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن 3000 يۈەن، يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن 2000 يۈەن ياردەم ئېلىپ، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىدىغان ئىككى ئېغىزلىق ياغاچ ئوي سالدۇرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرى ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ كىشىلەر ئارىسىدا غۇل - غۇلا پەيدا قىلدى.

1996 -يىلدىن بۇيان قەشقەر، يەر تەۋرەش ھەرىكىتى جىددى رايونغا ئايلاندى، ئۆتكەن يىلى 2 -ئاينىڭ 24 -كۈنى قەشقەرنىڭ پەيزاۋات ۋە مارالبېشى ناھىيىلىرىدە 8 .6 بال يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ستاتىستىكا بويىچە، مەزكۇر يەر تەۋرەشتە 268 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 17 مىڭ ئوي يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان شۇنىڭدەك 100 مىڭ ئادەم ماكانسىز قالغان.

ئۆتكەن يىلى 2 -ئاينىڭ 24 -كۈنى يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، 2 مىليون 510 مىڭ ئاھالىنىڭ % 80 نىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرالمايدىغان خەتەرلىك ئۆيلەردە ياشايدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، 2 يىلدىن كېيىن، ماكانسىز قالغان 100 مىڭ كىشىنىڭ ئىچىدە، بىر ئۇيغۇر دېھقان ئەزىز باراتنىڭ يېڭى ئۆيگە كۆچكەنلىكى خۇشاللىنارلىق ۋەقە ھىسابلانمىغاندىن سىرت، 5000 يۈەن بىلەن يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئىككى ئېغىز ياغاچ ئوي سېلىش ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمىغان تەدبىر دەپ قارالماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.