خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەدىمىي يىپەك يولى مەدەنىي مىراسلىرىنى قوغداش ئىشلىرى ئۈچۈن، كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىغا 50 مىليون دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېڭى پىلانىنىڭ تەپسىلاتلىرى تېخى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ئىكەن. بۇ پروگرامما، خىتايدا بۇ يىل مەدەنىي مىراسلارنى قوغداش يولىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەڭ مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
قەدىمىي يىپەك يولى، ئەسىرلەر ئىلگىرى ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان مەشھۇر سودا يولى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى بۇ سودا يولىدىكى مۇھىم بىر مۇساپە ھېسابلىناتتى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بۇ رايوندىكى ساياھەتچىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىنتىزار بولماقتا.
بۇنىڭ ئالدىدا، ب د ت، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، قەدىمىي يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇش پروگراممىسى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاينىڭ مەدەنىي مىراسلارنى قوغداش پىلانى ب د ت نىڭ قوللىشىدىكى يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇش پروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.
ب د ت نىڭ تەرەققىيات - پىلان كومىتېتىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋەكىلى خالىد مالىك، يىپەك يولى ئۈستىدىكى رايونلاردا سودا ۋە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، بۇ رايونلاردىكى نامراتلىق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە شۇنداقلا بۇ پىلان بويىچە، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا "ئورتاق ۋىزا تۈزۈمى" يولغا قويۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. (ئارزۇ)