خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى "قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" بىلەن كۈتۈۋالىدۇ
2005.05.24
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى 18 - ماي كۈنى ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشنىڭ ئالدى - كەينىدە ئاپتونوم رايون بويىچە "ھەر خىل جىنايى ھەرىكەتلەر" گە قارشى تازىلاش ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، زەربې بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى نىشانى ئاتالمىش تېررورچىلار، بۆلگۈنچىلەر ۋە دىنىي ئەسبىيلەرگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دىيىلگەن: " شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتچىلەر، ئىدىيە سېپىدىكى بۆلگۈنچىلەر، خەلق ئىچىدىكى زىدىيەتلەردىن پايدىلىنىپ مىللىي توقۇنۇشقا كۈشكۈرتكۈچىلەرگە زەربە بېرىپ، ھەر قايسى جايلاردىكى چېگرا مۇداپىئە پونكىتلىرى چەتئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئىچكى توپىلاڭ چىقىرىشىغا قارشى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئېلىش كېرەك."
"تەڭرىتاغ تور بېتى" نىڭ سەيشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە، ج خ نازارىتىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە " ئوغرىلىق" ، " بۇلاڭچىلىق" ۋە "باسقۇنچىلىق" جىنايەتلىرىگە قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئەمما "تەڭرىتاغ تور بېتى"، زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى، ئەمما ھەرىكەتنىڭ نىشانى ئىلى، ئالتاي ۋە تارباغاتاي قاتارلىق ۋىلايەتلەرگە قارىتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىپلىمەكتە ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىسمايىل تىلىۋالدى: ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى يىللاردا "تېررورلۇق" ۋەقەلىرى يۈز بەرمىدى
- تولۇق قوراللانغان خىتاي ساقچىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنى چارلاشقا باشلىدى
- ۋاڭ لېچۈەن، كومپارتىيە ئەزالىرىدىن "ئۈچ خىل كۈچ" كە داۋاملىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- ۋاڭ لېچۈەن "تېررورچىلىق" قا زەربە بېرىشنى قايتا تەكىتلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپىسىدا، خەلق ئارىسىدا جىددىي كەيپىيات ياراتماقتا