تيەنجىن سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇتقۇندىكى ئىككى ئوقۇغۇچىسىنىڭ قارىمايدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى
2020.10.23
مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكەن ھەپتىلەردىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا تيەنجىن سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ غايىپ ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىنىڭ قارىماي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەنىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۇلارنىڭ قول تېلېفونىدىن ئاتالمىش مەسىلە چىققانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە نۆۋەتتە قارىمايدىكى بىر «تەربىيەلەش مەركىزى» دە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تيەنجىن سودا ئۇنىۋېرسىتېتىدا غايىپ بولۇپ كەتكەن ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تەتىلدە يۇرتى قارىمايغا بارغاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەندىن كېيىن، بىز بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە نەدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق. تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر مەسئۇل خادىمى زىكرۇللا ۋە قەدىردىن ئىسىملىك ئىككى ئوقۇغۇچىسىنىڭ مەكتەپتىن ساق-سالامەت يۇرتىغا قايتقانلىقى، ئەمما تەتىل توشۇپ ئىككى ئايچە ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ تېخىچە مەكتەپكە قايتىپ كەلمىگەنلىكى ۋە بۇلارنىڭ تەقدىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئىككى غايىپ ئوقۇغۇچى ھەققىدە رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، ئۇلارنىڭ قول تېلېفونلىرىدىن مەسىلە چىققانلىقى، يەنى قارىماي ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ قول تېلېفونلىرىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا، ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللارنى ئۇچراتقانلىقى ۋە مۇشۇ سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلغانىدى. ئىنكاستا دېيىلىشىچە بۇ ئىككى ئوقۇغۇچى تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىدىن ئائىلە-تاۋىئاباتلىرىمۇ ئۇچۇر ئالالمىغان. ئىنكاستا يەنە ئۇلارنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىقى ۋە شۇڭا ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئەكېتىلگەنلىك ئېھتىماللىقى ئەسكەرتىلگەنىدى. شۇڭا بىز قارىماي ساقچىلىرىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ساقچىلار بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلدى.
تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى خادىملىرى، ئۆزلىرىنىڭ تيەنجىن ساقچىلىرى ئارقىلىق، مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئالغانلىقى، ئەمما نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالمىغانلىقىنى ئېيتتى. مەزكۇر خادىم، تۇتقۇندىكى ئوقۇغۇچىلىرى زىكرۇللا ۋە قەدىردىننىڭ ساۋاقداشلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ قول تېلېفونىدىن چىققان بەلگىلىمىگە خىلاپ بىر ماتېرىياللار سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى؛ ئەمما ئۇ بۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. بىز بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن قارىماي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق ۋە قولىمىزدىكى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن، تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تەتىلگە كەلگەن ۋە تەربىيەلەشكە ئەئىكىتىلگەن ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىدۇق؛ بۇ خادىم، بۇلارنىڭ ئىسىمىنىڭ زىكرۇللا ۋە قەدىردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئۇلارنىڭ تەربىيەلەشتە ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىدى. بۇ خادىم يەنە مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ تېلېفونىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ماتېرىياللار چىققانلىقى ئۈچۈن بۇ يىل 7 -ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللىدى. بىز ئارقىدىن تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ نۆۋەتتە قەيەردە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىنى تەكرار سورىدۇق. ئالاقىدار خادىم، بۇلارنىڭ قارىماي شەھىرىدىكى بىر «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئۇچۇرنى ساقچى ئورگانلىرىدىن ئۇققانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بىزگە كەلگەن ئىنكاستا، مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇۋاتقان كەسپى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەنىدى. بىز مەكتەپنىڭ يەنە بىر خادىمىدىن قارىمايدىكى تەربىيەلەش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچىسىنىڭ تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان كەسپىي ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق؛ مەزكۇر خادىم، بۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا ياتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قانچىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنىمۇ دەپ بەرمىدى.
يەنە ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن يۇرتىغا قايتىپ غايىپ بولۇپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يالغۇز زىكرۇللا بىلەن قەدىردىنلا ئەمەسلىكى، مەسىلەن قارىماينىڭ ئۆزىدىلا، بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىغا چېتىلىپ يەنە بىرنەچچە ئوقۇغۇچىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى؛ ئەمما ئۇلارنىڭ كىملىكى ۋە ئاقىۋىتى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن غايىپ بولۇپ كەتكەن ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ قارىغاندىكى بىر «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.