ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنچە تۈرلۈك پاكىتلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن بۇ لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى. كېيىنچە ئۇلار خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدى ۋە بېسىملىرىغا قارىتا لاگېرلاردىكى كىشىلەرنىڭ «يېتەرلىك ھۈنەر ۋە تېخنىكا ئۆگىنىپ چىققاندىن كېيىن جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكى» نى تەشۋىق قىلدى. ھالبۇكى، كۆپلىگەن ئۇچۇرلار بۇ «جەمئىيەت قوينىغا قايتقان» ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز ئۆيلىرىگە ئەمەس، بەلكى ھەرقايسى جايلاردىكى زاۋۇت ۋە فابرىكىلارغا ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئەنە شۇ خىل مەلۇماتلارنىڭ بىرى خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ 2020-يىللىق 13-ماي كۈنىدىكى بىر پارچە خەۋىرىدىمۇ ئەكس ئېتىدۇ.
مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ناھىيەلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى» دېگەن نامدا 2020-يىلى ئاپرېلغا قەدەر ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن تەشكىللىك ھالدا 292 مىڭ كىشىنى «خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان». خەۋەردە بۇ خىلدىكى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىسىدا 150 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ «ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن خالاس بولغانلىقى» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. 2020-يىلى يانۋاردىن ئاپرېلغىچە بولغان تۆت ئاي ئىچىدە 12 مىڭ كىشى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشچىلىققا يۆتكەلگەن.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس خەۋەر ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ ھالنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان ھەمدە خەلقئارانىڭ تەنقىد تېمىسى بولۇۋاتقان «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى شەرھىيلەيدۇ. خەۋەردە ھازىر ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم داڭلىق ماركىلاردىن بولغان Nike، Adidas، Gap، BMW قاتارلىقلارنىڭ ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» دېگەن نامدا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىر قوللۇق تەشكىللەپ يۆتكەن كەلگەن ئۇيغۇر ئىشچىلارنى «تۆۋەن مائاشلىق مەجبۇرىي ئەمگەك» كە سالغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمىلەردە بولسا بۇ خىلدىكى زاۋۇتلارنىڭ ھەربىيچە باشقۇرۇلىدىغان سىستېما ئىكەنلىكى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نامراتلىقنى تۈگىتىش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىپ، باشقا جايلاردىكى زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدە ئامېرىكادىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادريان زېنز مەخسۇس ئىزدەنگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى ئالغا سۈرىلىۋاتقان بۇ 292 مىڭ كىشىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشقان. ئۇ تۈرلۈك شوئارلار ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى زاۋۇتلارغا باغلاپ قويۇشنى ئۇيغۇرلارغا بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارايدۇ.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئادەتتە ئۆيلىرىگە قايتالايدىغان بۇ خىل كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىدە ئاممىۋى بىخەتەرلىك ئۈچۈن بىر تۈرلۈك يوشۇرۇن خەتەر، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى پۈتۈن كۈنلۈك ئىشچىلىققا تۇتۇپ بېرىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق كۆزدىن نېرى قىلماسلىق بىرقەدەر ئاقىلانە تاللاش ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر ياقتىن بۇ جايلاردىكى بۇ ياشلار بىر تۇتاش فورما كىيىپ مەركەزلەشكەن تەربىيەلەشتىن ئۆتكىچە ھەرقاچان ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەپ تۇرۇشقا مەجبۇرلىنىدۇ. بۇ خىل ساداقەت بىلدۈرۈشنىڭ بىر مەزمۇنى ‹پارتىيە قەيەرگە ئەۋەتسە شۇ جايغا ئىككىلەنمەي بېرىش› تۇر. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۈزلەپ، مىڭلاپ يېڭى ئىش ئورۇنلىرىغا، زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا ئەۋەتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئاشۇ جايلارغا بېرىشىنى مەن ئىختىيارلىق بىلەن بولدى، دەپ قارىمايمەن. بۇلار ئاشۇ خىل چاقىرىق بويىچە توپ-توپ بولۇپ پويېزلارغا بېسىلىپ، شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغا ئەۋەتىلىدۇ. بۇ جايلار بىر بولسا شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىكى خىتايلار نوپۇس جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان ناھىيە ۋە شەھەرلەر بولىدۇ؛ بىر بولسا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدۇ.»
ئاۋسترالىيەدىكى لا تروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» غا بۇ توغرىلىق سۆز قىلغاندا ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇملىشىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىلگىرىكى «قايتا تەربىيەلەشنىڭ داۋامى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنى بىر قېتىملىق «يۈرەك مۇجۇش» تىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۇلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە داۋاملىق ئۆزلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا تۇتۇشنى كۆزلىگەن. بۇنىڭدا يەنە بىر جەھەتتىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئاشىدىكەن.
ئادريان زېنز بۇ خىل كونتروللۇقنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئاشۇ يوسۇندىكى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» تا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان يەنە بىر ئەجەللىك مەسىلە-ئەۋلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى جۇدالىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» نامىدا زاۋۇتلارغا، بولۇپمۇ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ساھەسىگە باغلاپ قويۇلغان ئۇيغۇر ئاياللىرى خىزمەت تۈزۈمى، ئىش ۋاقتى دېگەنلەرنىڭ باھانىسىدە ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك پارىلىرىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئايرىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
«بۇ جايلاردىكى زاۋۇتلاردا ئەمگەك قىلىۋاتقانلارنىڭ خېلى زور بىر قىسمى بالىلىق ئاياللاردۇر. بۇ ئاياللار زاۋۇتلارغا پۈتۈن كۈنلۈك ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن شۇ زاۋۇتلاردىكى ئىشچىلار ياتىقىدا يېتىپ-قوپىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ياكى ئۇلارنى زاۋۇتلاردىكى يەسلىگە بېرىش ئىمكانى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ خىلدىكى زاۋۇتلاردا ئادەتتە يەسلى بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ‹زاۋۇتلاردا خاتىرجەم ئىشلىشى› ئۈچۈن ئىشچىلارنىڭ بالىلىرىدىن ھۆكۈمەت خەۋەر ئالىدۇ. قانداق خەۋەر ئالىدۇ، دېسىڭىز بۇ بالىلار يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋە كېڭەيتىلىۋاتقان يەسلىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر خەۋىرىدە ئاشۇ خىلدىكى يەسلىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر ئۇيغۇر بالا ئەمدىلا 13 ئايلىق بولغان ئىكەن. بۇنداق بولغاندا ئاياللار زاۋۇتلاردا ئىشلەۋېرىدۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا يەسلىدە تەربىيلىنىۋېرىدۇ. بۇنىڭدا خىتاي كومپارتىيەسى ئائىلىلەرنى تولۇق كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولىدۇ؛ بالاغەت يېشىدىن ئاشقان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى بولسا بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان دۆلەت كونتروللۇقىغا مەھكۇم بولىدۇ ھەمدە بوغۇنلار ئارىسىدىكى جۇدالىق تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ.»
نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئەمگەك كۈچى قىسمىنى قايتىدىن تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتە قىسمەن ئىلگىرىلەشنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
0:00 / 0:00