خىتاي باشقۇرىشىدىكى «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ 21-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 19-سېنتەبىردىن 21-سېنتەبىرگىچە ئۇيغۇر دىيارىدا «خىزمەت تەكشۈرۈشى» دە بولغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق زىيارەت نۇقتىلىق ھالدا قەشقەر شەھرىدە چاقىرىلغان «9-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» نى چۆرىدىگەن ھالدا داۋام قىلغان. ئىككى يىلدا بىر ئېچىلىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىنغا ۋاڭ خۇنىڭغا ئوخشاش خىتاي دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدا تۆتىنچى نومۇرلۇق ئورۇننى ئىگىلەيدىغان بىر شەخسنىڭ ئەۋەتىلىشى، شۇنىڭدەك خىتايدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەر مەسئۇللىرىنىڭ يىغىن سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىشى بۇنىڭ ئادەتتىكىچە بىر قېتىملىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەسلىكىدىن بىشارەت بەرگەن بولسا، ۋاڭ خۇنىڭنىڭ قەشقەردىكى «خىزمەت يىغىنى» دا ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتى ساھەسىدىكى يېڭى يۈزلىنىش» دەۋاتقانلىرىنىڭ نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋاستىلىك ھالدا نامايەن قىلىپ بەرگەن.
«ۋاڭ خۇنىڭ ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقىنى تەكرارلاۋاتىدۇ!»
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ خۇنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم قۇرۇش ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلغان ھالدا پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك ئورنىتىشتەك باش نىشاننى چىڭ تۇتقان ھالدا جوڭخۇا كىملىكى ئورتاق چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىشىمىز، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق سۇغىرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يۇقۇرى سۈپەتتە ئالغا سۈرىشىمىز لازىم» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭدەك بۇنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرىدىن يېتىپ كەلگەن مەلۇماتلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان «مۇقىملىق ۋە ئەمىنلىك» نىشانى، شۇنىڭدەك «جوڭخۇا كىملىكى چۈشەنچىسى» تۇرغۇزۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ مەقسىدى ئۇيغۇرلاردىكى ئەسىرلەردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان مىللىي كىملىكنى پۈتۈنلەي بەربات قىلىش، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئورنىغا چىرايلىق نىقابلانغان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى دەسسىتىش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنى ئىسمى-جىسمىغا خاس بولغان «خىتاينىڭ بىر قىسمى» غا ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان. ئەنە شۇ سەۋەبتىنمۇ لاگېرلارغا قامالغانلار ھەمدە لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سىياسىي ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى «خىتايچە ئۆگىنىش»، «خىتايلار بىلەن تويلىشىش»، «خىتايچە تۇرمۇش ئۇسلۇبىنى قوبۇل قىلىش» بولۇپ كەلگەن. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلىشىش دەرىجىسىنى سىناش ئۈچۈن «رامىزاندا چوشقا گۆشى يىيىشكە مەجبۇرلاش» تەك قەبىھلىكلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.
مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەننىىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇق يۈرگۈزگۈچى ئورگىنى بولغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان ۋاڭ خۇنىڭ سىياسىي جەھەتتە مۇستەقىل ھوقۇق يۈرگۈزىش ئىمتىيازىغا ئىگە ئەمەس. شۇڭا ئۇ ئۆز ئالدىغا بۇنداق سۆزلەرنى قىلالمايدۇ. يەنە كېلىپ جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ ۋە شى جىنپىڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئەۋلات خىتاي رەھبەرلىك گۇرۇھىغا «باش مۇشاۋۇر» بولغان ۋاڭ خۇنىڭ ئۇلارنى تەمىن ئەتكەن بارلىق ئىدىيەلەرنىڭ جەۋھىرى «خىتاي بولمىغانلارنى ئېرىتىپ تۈگىتىش» دېگەن مەركىزىي تېمىغا يىغىنچاقلىنىدۇ. شۇ مەنىدىن ئالغاندا «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى، «خىتاي چۈشى»، «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» قاتارلىقلارنىڭ نەزەرىيىۋى ئىجادچىسى بولغان ۋاڭ خۇنىڭنىڭ قەشقەرگە كېلىشى ۋە «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» يىغىنىدا سۆز قىلىشى ماھىيەتتە شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىشتۇر. شۇ سەۋەبتىن بۇ خىلدىكى يوليورۇق خاراكتېرلىق سۆزلەرمۇ ھەرقاچان شى جىنپىڭنى مەنبە قىلغان ھالدا ئوخشىمىغان سورۇنلاردا تەكرار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ھەمدە شۇ ئارقىلىق مەركەزدىكى «ئالىي قوماندان» نىڭ بۇيرۇقىنى «يەرلىك ئىجراچىلار» نىڭ يادىغا سېلىپ تۇرىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ قېتىم ۋاڭ خۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنىڭ شى جىنپىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئېيتقان سۆزلەر بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىلشات ھەسەن «بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش سىياسىتىنىڭ يۇمشاپ قېلىشى ياكى ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈشنىڭ ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.
ۋاڭ خۇنىڭ قەشقەردىكى يىغىندا ئالاھىدە ئەسكەرتكەن يەنە بىر نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق سۇغىرىش» قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش بولغان. بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ساھەسىنى نىشان قىلىۋاتقان بولۇپ، نەچچە يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن «خىتايلاشتۇرۇش» نىڭ تېخى خىتاي ھۆكۈمىتى رازى بولغىدەك دەرىجىگە يەتمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختلىپ «بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلاردا ھېچقانداق مەدەنىيەت مەۋجۇت ئەمەس، دەپ قارىلىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى» دېدى.
«بۇلار ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس!»
ۋاڭ خۇنىڭ بۇ قېتىم قەشقەر شەھرىدە ئېچىلغان يىغىندا خىتاي شەھەرلىرى ۋە ئۆلكىلىرىنىڭ «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» قۇرۇلۇشى ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن ۋە بۇ قۇرۇلۇشنى «دۆلىتىمىزنىڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى» دەپ ئاتىغان. شۇنىڭدەك بۇنىڭدا كەسپلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، «چېگرا رايونلارغا ياردەم بېرەلەيدىغان تالانت ئىگىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىش» ۋە «يۇقىرى سۈپەتلىك» مائارىپ سىستېمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش لازىملىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن. خىتاي خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ پروگرامما ئىككى يىلدا بىر قېتىم سەپەرۋەرلىك قىلىنىدىغان بولۇپ، شۇ بويىچە بولغاندا بۇنىڭ داۋام قىلغىنىغا ئاز دېگەندىمۇ 20 يىلدىن ئاشقان بولىدۇ. بۇنىڭدىكى يادرولۇق ئىدىيە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرق ئۆلكىلەردىكى كارخانا ۋە زاۋۇتلارنى ئۇيغۇر دىيارىدا زاۋۇت ئېچىشقا چاقىرىش بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھەقسىز ياكى تۆۋەن باھالىق زاۋۇت ئورنىغا ئىگە بولۇشى، باجسىز ياكى ناھايىتى تۆۋەن مىقداردىكى «باج ئېتىبار سىياسىتى» دىن بەھرىمەن بولۇشى، زاۋۇت ئىشچىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنىشى، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى شىركەتلەرنىڭ مۇستەقىل سېتىشى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا ئارىلاشماسلىقى قاتارلىق ئامىللار خىتاي شىركەتلىرىنى ئۆز زاۋۇتلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئاچقاندىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئېچىشقا بەكرەك مايىل قىلىشقا باشلىغان. ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا بولسا لاگېرلاردىن يۆتكەلگەن «زامانىۋى قۇللار» نى ئەمگەك كۈچى مەنبەسى قىلغان ھالدا بۇ خىل زاۋۇتلار ھەرقايسى ۋىلايەت شەھەرلەردە «سانائەت باغچىسى» دېگەن نامدا كۆپلەپ ئېچىلىشقا باشلىغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش بەدىلىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تالان-تاراجنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئەمما لاگېرشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن دوكتور ئادريان زېنز (Adrian Zenz) بۇنىڭ يەنە بىر چوڭ رولى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە لازىملىق خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەشتىكى ئۈنۈملۈك چارىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالى قىسمى خىتاي نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ۋەزىيەتتە بولۇپ، بۇ ھال ئۇلارنى كۆپ جەھەتتىن خاتىرجەم قىلغان. ئەمما تارىم ۋادىسىدىكى قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە خىتاي نوپۇسىنىڭ مۇتلەق «ئاز سانلىق» بولۇشى ھەرقاچان «سىياسىي جەھەتتىكى تەھدىت» دەپ قارىلىپ كەلگەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نوپۇسىنى ئەلالاشتۇرۇش» شوئارىنى تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، خىتاي نوپۇسىنى ۋە تەسىرىنى ئاشۇرۇش بۇنىڭدىكى مەركىزىي تېما بولۇپ قالغان. ۋاڭ خۇنىڭنىڭ بۇ قېتىمقى قەشقەر سەپىرى ھەققىدە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئادرىيان زېنز مەيلى «يۇقىرى سۈپەتلىك» خىتايچە مائارىپ بولسۇن ياكى «جۇڭخۇا كىملىكى چۈشەنچىسى» نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بولسۇن بۇلار ھەرقاچان ئاسسىمىلياتسىيەدىن ئىبارەت مەركىزىي ۋەزىپىنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
«مەركىزىي ھۆكۈمەت شىنجاڭدىكى سىياسەتلەرگە كۆپلىگەن جەھەتلەردىن تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا شىنجاڭ رايونى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدىكى سىناق بازىسى بولدى. ئۇلار بۇ رايوندا بۇ خىلدىكى سىياسەتلەرنى كۆپلىگەن ۋەھشىيانە ئۇسۇللار بىلەن سىناپ كۆردى. بۇ ھال تىبەت رايونى ياكى باشقا مىللىي رايونلاردىن خېلىلا ئېغىر بولدى. ئەمما ئېنىق بولغىنى شۇكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ خىلدىكى ‹سىياسىي مۇتەپەككۇر› لىرى ھەرقاچان تېخىمۇ قاتتىق بولغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ خىل سىياسەتتە ‹چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەن› لىكىنى بايقىسىمۇ يەنىلا ئۇلارنى ‹كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلىۋاتىدۇ›. مېنىڭچە بۇ ھال بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، شىنجاڭدىكى بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىشى ئاسماندىكى ئايدەك روشەن بولماقتا. ئۇلار بەلكىم ۋەزىيەتنى كۆرۈنۈشكە نورماللاشتۇرۇشى ۋە تېخىمۇ كۆپ ‹ئىقتىسادىي تەرەققىيات› چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن. ئەمما شىنجاڭدىكى باستۇرۇش ۋە زۇلۇمنىڭ ھېچقانداق ئۆزگەرمەستىن داۋام قىلىشىغا گۇمان قىلىش ھاجەتسىز. چۈنكى بىخەتەرلىك ھەققىدىكى باش تېما ھازىرچە قاتاردىن قالمايدىغاندەك قىلىدۇ. شى جىنپىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئۈرۈمچىگە كەلگەندىمۇ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنىڭ باش ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بۇ جەھەتتىكى ھەممىلا ئىش شى جىنپىڭنىڭ ئېيتقىنى بويىچە بولىدۇ.»
«مۇقىملىق خىتاي ئۈچۈن ھەممىدىن ئەلا!»
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئۈرۈمچىدە ئۇشتۇمتۇت زىيارەتتە بولغاندا نۆۋەتتىكى باش ۋەزىپىنىڭ «مۇقىملىق» ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئىدى. كېيىنچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ۋە ئېنېرگىيە جەھەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىن غايەت زور دەرىجىدە پايدىلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇر دىيارىنى «مۇتلەق خاتىرجەم ماكان» غا ئايلاندۇرۇشقا قارار ئالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ۋاڭ خۇنىڭ قەشقەر ۋە غۇلجا شەھەرلىرىدە «نەق مەيدان تەكشۈرۈشى» جەريانىدا مۇقىملىقنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەش بىلەن بىرگە بۇنىڭ «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللىي گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» تىكى ئىستراتېگىيەلىك خىزمەت ئىكەنلىكى، بۇ مەسىلىدە ئىدىيە ۋە ھەركەتتە جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش لازىملىقىنى مەخسۇس شەرھىيلىگەن.
ئۇيغۇر دىيارىدا 2016-يىلىدىن باشلانغان قىرغىنچىلىقتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە «مۇقىملىقنى ساقلاش» نى يادرولۇق خىزمەت قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بەدىلىگە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى ۋە تۈرمىلەرگە يوللانغانلىقى ھەممىگە ئايدىڭ پاكىت سۈپىتىدە مەلۇم بولغان. شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمىتىنى «ناھايىتى ئۇتۇقلۇق» بولغان دەپ باھالىغان ھەمدە كۆپ قېتىملاپ «ئۆتكەن نەچچە يىلدا شىنجاڭدا ئىزچىل تىنچلىق ھۆكۈم سۈردى. ھېچقانداق زوراۋانلىق ھەرىكىتى بولمىدى» دېيىش ئارقىلىق بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان ئىدى. بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەردىن «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» (ASPI) نىڭ تەتقىقاتچىسى، سىياسىي ئانالىزچى ۋىكى شۈ (Vicky Xu) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن «مۇقىملىق» نىڭ مەڭگۈلۈك تېما ئىكەنلىكىنى، بۇ ھالنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئىزچىل شۇنداق بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى:
«ھەئە. بۇ شۇنداق بىر ئىش. ئېسىمدە قېلىشىچە، 2017-يىلى مەن خىتايدا ساياھەتتە بولغىنىمدا پويىزدا بىر ئۇيغۇر بالىنى كۆرگەن ئىدىم. مەن ئۇنىڭدىن ‹ئىشلار قانداقراق؟› دەپ سورىغىنىمدا ئۇ ‹نېمىسىنى دەيسىز، ھازىر ئىش چاتاق› دېگەن. بۇ دېگەن 2017-يىلىنىڭ بېشىدىكى گەپ. مەن ئۇنىڭدىن ‹بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟› دەپ سورىسام، ئۇ ‹ھازىر ھەممىلا ئىش مۇقىملىق ئۈچۈن بولۇۋاتىدۇ› دېدى. مەن ئۇ چاغدا ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى تازا ئاڭقىرىپ كېتەلمىگەن ئىكەنمەن. ئەمما ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹مۇقىملىق› ھەققىدىكى ھۆججەتلىرىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئاشۇ بالىنىڭ گەپلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. چۈنكى بۇ ئەمەلىيەتتە 2017-يىلىلا خىتاينىڭ دۆلەت سىياسىتىدە ئېنىق ئورۇن ئالغان مەزمۇن ئىكەن. چۈنكى ئۇلار چېن چۇەنگونىڭ بەش يىللىق ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان. دەرۋەقە ئۇلار بۇ نىشانغا تولۇق يەتتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار ھەرقاچان ئاسانلا بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق ئىدىيەلىرى بىلەن زەھەرلىنىپ قالىدۇ، شۇڭا بۇ خىلدىكى ‹زەھەرلىنىش، كە مەنبە بولىدىغان بارلىق ئاۋازلارنى ئۆچۈرۈش لازىم. مانا مۇشۇنداق چۈشەنچە تۈپەيلىدىن سۆز قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ھەممىلا كىشىنىڭ ئاۋازى ئۆچۈرۈلدى. ئۇلار دەۋاتقان مۇقىملىق سۈنئىي ھالدا يارىتىلغان مۇقىملىقتۇر. يەنى بۇ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى بولمىغان بىر جايغا كۆۋرۈك سالغاندەكلا بىر ئىش. شۇڭا بۇ خىل مۇقىملىق ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي قورقۇنچ ۋە مەۋھۇملۇققا تولغان.»
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان «گۈزەل ۋە ئىناقلىققا تولغان شىنجاڭ» تەشۋىقاتى ساياھەتچىلىكنى مەركەز قىلغان ھالدا تاشقى دۇنياغا ئۇيغۇر دىيارىدا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇلدۇرۇۋېتىشكە زېھىن قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، ۋاڭ خۇنىڭغا ئوخشاش خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى شەخسلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك بايانلىرى بولسا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ قاتتىق داۋام قىلىدىغانلىقىدىن ئوخشىمىغان شەكىلدە ئۇچۇر بەرمەكتە.