مايك پومپېيو خىتاينىڭ ۋۇخەندىكى ۋىرولوگىيە لابوراتورىيەسىگە كىرىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئېيتتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالغان ۋۇخەندىكى ۋىرولوگىيە لابوراتورىيەسىگە تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ كىرىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، بۇ سۆزلەرنى 16-ئاپرېل «فوكۇس» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا تەمىنلىمەي دۇنياۋى ۋابا كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ھېلى ھەم خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىدىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇ ۋىرولوگىيە لابوراتورىيەسىگە كىرىشىگە رۇخسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز. شۇنداق بولغاندىلا بىز ۋىرۇسىنىڭ زادى قەيەردىن تارقالغانلىقىغا ئېنىق ھۆكۈم قىلالايمىز.»

ئۇ، بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىنىڭ سىياسىي تەلەپ ئەمەسلىكىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىلىم-پەن ۋە ئېپىدېمىئولوگىيەگە ئائىت تەلەپ. بىز ئۇ يەردە نېمە بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە موھتاج. شۇنداق بولغاندىلا ئالدىمىزدىكى ھەپتە ۋە ئايلاردا ئامېرىكىلىقلارغا كېلىدىغان خەتەرنى كېمەيتەلەيمىز ۋە دۇنياۋى ئىقتىسادىنى ئۆز يولىغا سالالايمىز.»

ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئۇ لابوراتورىيەدە قانداق ۋىرۇسلارنىڭ تەتقىق قىلىنغانلىقىغا ئائىت جاۋابلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشقا چاقىرىدى.