ئەنگلىيە كورۇنا يۇقۇمىنى دۆلەتلەر بويىچە سېلىشتۇرۇش جەدۋىلىدىن خىتاينى چىقىرىۋەتكەن
2020.04.26
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كورۇنا ۋىرۇسىدىكى خۇپىيانىلىكى سەۋەبلىك ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى كورۇنا ۋىرۇسىدا دۆلەتلەر بويىچە ئۆلگەنلەرنى سېلىشتۇرۇش جەدۋىلىدىن خىتاينى چىقىرىۋەتكەن.
«كۈندىلىك مەكتۇپلار» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتايغا قىلىنغان بىر دىپلوماتىك ھۇجۇم ھېسابلىنىدىكەن.
كورونا ۋىرۇسى ئەڭ دەسلەپ خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە تارقالغان. خىتاي ھازىرغىچە كەلگۈچە خىتاي بويىچە 4 مىڭ 636 ئادەمنىڭ مەزكۇر ۋىرۇستا ئۆلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش مەركىزى بولغان ۋۇخەندە ئۆلگەن 3 مىڭ 182 ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ھالبۇكى، يەرلىك ۋۇخەنلىكلەر بۇ ساننىڭ ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ساندىن نەچچە ھەسسە يۇقىرىلىقىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 40 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
خىتاينىڭ ئۆزىدىكى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇرۇن تۇتۇشى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ دۇنيانى كرىزىسىغا پاتۇرغانلىقىنى بىر نەچچە قېتىم ئەيىبلىگەن.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاينىڭ ۋىرۇس مەنبەسى مەسىلىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكىلەرنىڭ بۇنى تەتقىق قىلىشىغا پايدىلىق» دېگەن.
ئەنگلىيەمۇ كورونا ۋىرۇسىنىڭ زەربىسىگە ئېغىر ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئەنگلىيە مىقياسىدا يەكشەنبە كۈنىگىچە 148 مىڭ 377 كورونا ۋىرۇسى بىلەن ئادەم يۇقۇملانغان، 20 مىڭ 319 ئادەم قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.